|
. ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى دۆلەت مەجلىسى پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر 21 – ئىيۇن جىددىي يىغىن ئېچىپ، پۇل پاخاللىقىنى توسۇشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى. ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 20 – ئىيۇن ئېلان قىلغان ستاتىستىكا مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: 7 – ئىيۇنغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە ھىندىستاندىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئالدىنقى ھەپتىدىكى %8.75تىن %11.05كە ئۆرلەپ، 13 يىلدىن بۇيانقى رېكورت يارىتىلغان.
. ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى 21 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ش ئا ئە ت ئارمىيىسى يېقىندا ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندىھار ئۆلكىسىنىڭ ئارگانداب رايونىدىكى تازىلاش ھەرىكىتىدە، تالىبان ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 94 قانۇنسىز قوراللىق كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.
. فىللىپپىن ئەمەلدارى 22 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: ‹‹فېڭشېن›› ناملىق تەيفېڭ بورىنى 20 – ئىيۇن كېچىدە فىلىپپىننىڭ شەرقىي قىسمىغا ھۇجۇم قىلغاندىن بۇيان ئاز دېگەندىمۇ 80 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
. ئىران ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 21 – ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ قوماندانى جەفەرى شۇ كۈنى مۇنداق دېگەن: ئىران قوراللىق قىسىمى دۆلىتىمىزنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغان ھەر قانداق زەربىنى چېكىندۈرىدۇ.
. ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن مەزھەپلىرى ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان سۇلھى ئۈچ كۈن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە 22 – ئىيۇن غەززە رايونى بىلەن تۇتىشىدىغان مال پورتىنى قايتىدىن ئېچىۋېتىپ، تېخىمۇ كۆپ مالنىڭ غەززە رايونىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|