باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى‹‹چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى 2008–2012يىللىق يىرىك پىلان››نى تارقاتتى
2008- 06- 23 12:05 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا ‹‹چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى 2008 – 2012 يىللىق يىرىك پىلان›› نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل  ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

   ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› كېيىنكى بەش يىلدا چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېتەكچى ھۆججەت، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قەتئى ئىجرا قىلىپ، ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى دەپ بىلىپ، كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتكوملارغا ھەمكارلىشىپ ۋەزىپىنى تەقسىملەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تارماقلىرى ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈستىگە ئالغان خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشى كېرەك. جايلار، تارماقلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسىنى بېكىتىپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى كۆزلىشى كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، جاۋاپكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. خىزمەت مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوبدان يېتەكلەپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ