باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 3–تۈركۈمدىكى داۋالاش ئەترىتى سىچۇەندىكى ئاپەت رايونىغا يۈرۈپ كەتتى
2008- 06- 23 12:01 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاپتونوم رايوننىڭ 3 – تۈركۈمدىكى داۋالاش – قۇتقۇزۇش – كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەترىتىدىكىلەر ماۋشيەن ناھىيىسىنىڭ سەھىيە – يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يېقىندا ئايروپىلان بىلەن سىچۇەنگە يۈرۈپ كەتتى.

   ئىگىلىنىشىچە، 3 – تۈركۈمدىكى 30 كىشىنىڭ 29ى قارامايدىن كەلگەن بولۇپ،  ئۇلار ماۋشيەن ناھىيىلىك يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شتابىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن يەرلىكتە سەھىيە – يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىنى ئىشلەيدىكەن. قاراماينىڭ 600 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى تېببىي دورا ۋە ماددىي ئەشيا قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئەترىتى  14 – ئىيۇن ئالدىنئالا ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىققان.

   ئىگىلىنىشىچە،  13 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 17گىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بارغان داۋالاش ئەترىتى داۋالىغان يارىدار 8525 كە يەتكەن. داۋالاش ئەترىتىدىكىلەر ماۋشيەن ناھىيىسىدىكى يېزا – بازارلاردا ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيىلەش ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن.   

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ