|
·22 –ئىيۇن سائەت 12 گىچە، مەملىكەت بويىچە دۆلەت ئىچى– سىرتىدىن تاپشۇرۇۋېلىنغان ئىئانە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارنىڭ قىممىتى 46 مىليارد 743 مىليون يۈەنگە، ئەمەلىي ھېساباتقا كىرگىنى 45 مىليارد 434 مىليون يۈەنگە، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ئاجرىتىلغىلى 15 مىليارد 649 مىليون يۈەنگە يەتتى.
· ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شېڭجۈن تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىلىرى قوشۇنىدا خادىم كەمچىل بولۇش مەسىلىنى كۈچەپ ھەل قىلىش— ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئاساسىي خىزمىتىدىكى جىددىي ئىش، خەلق سوت مەھكىمىلىرى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىلىرىنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە كۆرسەتكۈچىنى تەڭشىشى، ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىلىرى ئۆزلىرىنىڭ شىتات بوش قېلىش ئەھۋالى ۋە خىزمەت ئېھتىياجى بويىچە خادىم قوبۇل قىلىشى كېرەك.
· جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسى 22 – ئىيۇن بېيجىڭدا بىرلىكتە جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ 14–قېتىملىق ئاكادېمىكلار قۇرۇلتىيى بىلەن جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ 9– قېتىملىق ئاكادېمىكلار قۇرۇلتىيىنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ مۇشۇ ئاينىڭ 27–كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، تۈرلۈك ئىلىم– پەن ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، يەنە قانداق قىلغاندا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى پەن– تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇلتايدا يېڭىدىن سايلانغان چەتئەللىك ئاكادېمىكلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
· دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن تەييار ماي ۋە توكنىڭ باھاسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاكسىلارنىڭ كىرا ھەققىنى ۋاقتىنچە تەڭشىمەسلىكنى، مال باھا سەۋىيىسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلدى.
|