|
مۇشۇ ئاينىڭ 19–كۈنىدىن 20–كۈنىگىچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى بريوسسېلدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ 10–ئاينىڭ 15– كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىدا ‹‹لىسبون شەرتنامىسى›› غا ئالاقىدار ھەل قىلىش لايىھىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى قارار قىلىندى.
مۇشۇ ئاينىڭ 12–كۈنى ئىرېلاندىيىدە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىپ ‹‹لىسبون شەرتنامىسى›› نى رەت قىلغاچقا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ئىشى يەنە بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. بۇ نەتىجە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەسلىدىكى پىلانىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. ‹‹لىسبون شەرتنامىسى›› گە ئالاقىدار گەپ – سۆزلەر بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ باش تېمىسى بولۇپ قالدى. لېكىن ئىرېلاندىيە ‹‹لىسبون شەرتنامىسى›› نى رەت قىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىنلا ھەل قىلىش لايىھىسىنى تېپىشقا ئۇمىد باغلاش رۇشەنكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئىرېلاندىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مارتىن: ھەتتا 10– ئايدا مەسىلىنى ھەل قىلىشمۇ بالدۇرلۇق قىلىدۇ، دەپ قارىدى. ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا: 10–ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىدا بىر پارچە باسقۇچ خاراكتېرلىك دوكلات تاپشۇرىمىز، لېكىن بىز شۇ ۋاقىتتا ھەل قىلىش لايىھىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، دېيەلمەيمىز، دېدى. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى سلوۋېنىيەنىڭ زۇڭلىسى جانسا مۇشۇ ئاينىڭ 19–كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: يىغىندا ئىرلاندىيىلىك ۋە ھەر قانداق ئادەمگە ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش لايىھىسىنىڭ سۈرۈكىنى بېكىتىپ بەرگىنى يوق، دېدى. لېكىن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كەلگۈسىدىكى ئىككى قېتىملىق ۋاقىت ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن، بىرى 10– ئاينىڭ 15–كۈنىدىكى ياۋرۇپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنى، يەنە بىرى 2009– يىلى 6–ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپانىڭ پارلامېنت سايلىمى.
نۆۋەتتە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت ئىچىدە ‹‹لىسبون شەرتنامىسى›› نى 19 دۆلەت تەستىقلىدى، بىر دۆلەت رەت قىلدى. بۇ شەرتنامە يەنە باشقا 7 دۆلەتتە ئوڭۇشلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتەلەمدۇ؟ بۇنىڭ نەتىجىسى 10– ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئايدىڭلىشىدۇ؛ 10–ئاينىڭ 15– كۈنىدىكى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ئومۇمىي ئەھۋالغا قاراپ، ھەرقايسى تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان ھەل قىلىش لايىھىسى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇزاكىرە قىلىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى: ئەڭ ياخشىسى 2009–يىلى 6– ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋرۇپا پارلامېنت سايلىمىدىن ئىلگىرى ھەل قىلىش لايىھىسىنى تېپىش كېرەك، بولمىسا، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كرىزىسى يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى ياۋرۇپا پارلامېنت سايلىمى ياۋروپا بويىچە بىر قېتىملىق ئومۇمىي ئاۋاز بېرىش بولۇپ، نەتىجىسى مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان ‹‹لىسبون شەرتنامىسى›› گە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مۇشۇ ئاينىڭ 19– كۈنى، گىرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل، پولشا زۇڭلىسى تۇسكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈزگۈزۈۋاتقان 12 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىر پارچە بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، لىسبون شەرتنامىسىنى تەستىقلاش تەرتىپىنى تېخىچە تاماملىمىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى شەرتنامىنى داۋاملىق تەستىقلاشقا ئۈندىدى. ئىرېلاندىيە ‹‹لىسبون شەرتنامىسى›› نى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيە تۇنجى بولۇپ، بۇ شەرتنامىنى تەستىقلىدى. بۇ رەھبەرلەر ئەنگىلىيىنىڭ ‹‹لىسبون شەرتنامىسى›› نى تەستىقلاشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. لېكىن چېخ بۇنى توغرا تاپمىدى، چېخ زۇڭتۇڭى كروۋس ‹‹لىسبون شەرتنامىسى›› ئاللىقاچان كۈچىدىن قالدى، چېخ بۇ شەرتنامىنى تەستىقلاشقا ۋەدە بېرىشنى رەت قىلىدۇ، دېدى.
لېكىن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا كۆپلىگەن دۆلەتلەر باشلىقلىرى ئىشنى قايتىدىن باشلاشنى رەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ستراتېگىيىسىنىڭ نىشانى ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، 26 دۆلەت ئاۋال بۇ شەرتنامىنى تەستىقلاش، ئاخىرىدا ئىرېلاندىيە يەنە بىر قېتىم ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ‹‹لىسبون شەرتنامىسى›› نى 2009–يىلى 6–ئايدا كۈچكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. ئەگەر ئىرلاندىيە تەشكىللىگەن 2– قېتىملىق ئومۇمىي ئاۋاز بېرىش ياكى 3–قېتىملىق ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشتە يەنىلا ئۆتمىسە، ئۇنداقتا نۆۋەتتىكى ‹‹نىس شەرتنامىسى›› نى ساقلاپ قېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ‹‹نىس شەرتنامىسى›› ھازىرقى ئەزا دۆلەتلىرى 30 غا يەتكەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۇرمال ئايلىنىشىغا ماسلىشالمىغاچقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ‹‹قوش سۈرئەتلىك ياۋروپا قىتئەسى›› نى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ‹‹لىسبون شەرتنامىسى›› ئەگەر تاسادىپىي مەغلۇپ بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كېڭەيتىشمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرايدۇ. يەنە 10– كۈندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولىدىغان فرانسىيىنىڭ زۇڭتوڭى ساركوزى باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىدا: ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كېڭەيتىش ئىشىنى ئىرلاندىيە ‹‹لىسبون شەرتنامىسى››نى ئىنكار قىلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان كرىزىسنى ھەل قىلغاندىن كېيىن داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ‹‹ لىسبون شەرتنامىسى›› بولمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كېڭەيتىش مۇمكىن ئەمەس، ساركوزى يەنە كېلەر ئايدا ئىرېلاندىيىگە بېرىپ، ‹‹لىسبون شەرتنامىسى›› توغرىسىدا ئىرلاندىيە تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، 10– ئايدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، تىرىشىپ ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەپ تېپىشنى پىلانلىدى.
|