باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ۋاڭ لېچۈەن تەن جۇڭمىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى
2008- 06- 23 11:19 شىنجاڭ گېزىتى

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 21 – ئىيۇن كەچتە جۇڭگو ‹‹جۇڭسەي›› گۇرۇھ شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى تەن جۇڭمىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

   ۋاڭ لېچۈەن تەن جۇڭمىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش بولۇپمۇ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېز بولدى، شىنجاڭ ھازىر تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ‹‹جۇڭسەي›› گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق قاتنىشىپ ۋە قوللاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىدۇ ھەم ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

   تەن جۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېز بولدى، ئاپتونۇم رايون ‹‹جۇڭسەي›› گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىشىغا زور مەدەت ۋە ياردەم بەردى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   ئاپتونۇم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، ياڭ گاڭ، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇ ۋېي، جىن نو، ۋاڭ يوڭمىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

   كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ‹‹جۇڭسەي›› گۇرۇھى شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندىغا ‹‹ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى›› قۇرۇش ئۈچۈن 4 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ