باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ۋاڭ لېچۈەن ماچىڭشېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى
2008- 06- 23 11:18 شىنجاڭ گېزىتى

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 20 – ئىيۇن كەچتە ئاپتونوم رايونىمىزغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت، دىن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى ما چىڭشېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

   ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى ۋە  قوللىدى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن قىممەتلىك تەكلىپ  پىكىر بەردى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق دۆلەتنىڭ قوللىشىغا موھتاج بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئاكتىپ ئىنكاس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   ما چىڭشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئاڭلاش – كۆرۈشنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ۋە تەشۋىقات ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ تۆھپە قوشىمىز.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ