|
ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ، ئېشىش سۈرئېتى داۋاملىق مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.
·دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جىنشياڭ چاڭشادا ئۆتكۈزۈلگەن 2 – نۆۋەتلىك جۇڭگو بىئولوگىيە كەسپلىرى يىغىنىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار مۇھاكىمە مۇنبىرىگە قاتناشقاندا: دۆلىتىمىز بىئولوگىيە كەسپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. دۆلىتىمىزنىڭ بىئولوگىيە كەسپلىرى نۆۋەتتە 11 – بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىن بۇيانقى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، دېدى.
·دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مەمۇرى تەپتىش مىنىستىرلىكى مۇشۇ ئاينىڭ 21 – كۈنى بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلارنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 19 – كۈنى ئېلان قىلىنغان تەييار ماي ۋە توك باھاسىنى تەڭشەش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، زەنجىرسىمان تەسىرنى قاتتىق كونتىرول قىلىپ، مال باھا سەۋىيىسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولىشىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلدى.
·شىنخۇا ئاگىنتلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ماددى ئەشيالىرى باھاسىنى سىستىمىلىق تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 21 – كۈنى، مەملىكىتىمىزدە كۆكتات باھاسى مۇقىملىق ئىچىدە ئۆرلىگەن، يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى بىر قەدەر زور بولغان.
·دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش، كاراتتىن – پريوم باش ئىدارىسى يېقىندا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش، يۇرت ماكاننى قايتا قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى مەخسۇس تۈر بويىچە نۇسقا ئېلىپ تەكشۈردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەييار چۆپ مەھسۇلاتلىرىنىڭ نۇسقا ئېلىپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى 95.1 پىرسەنت؛ سۈرلەنگەن گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى 97.3 پىرسەنت؛ چىلىغان كۆكتاتلارنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى 99.8 پىرسەنت بولغان.
|