|
شىمالىي شىنجاڭ رايونى بويىچە يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى يىغىنى يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى:‹‹ ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي سېتىۋېلىش سىياسىتىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ كۇشادە سېتىۋېلىپ، پۇلنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك››.
سۆھبەت يىغىنىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق جايلار، ئالتاي، چۆچەك، بۆرتالا، قاراماي، شىخەنزە، سانجى، ئۈرۈمچى، قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلاردىكى ئاشلىق ئىدارلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆز جايىنىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش ۋەزىيىتى، سېتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى شۇنداقلا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر يەنە بۇ يىللىق يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئىشلىگىلى بۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەستايىدىل مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
ئىگىلىنىشچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلقى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن ياخشى بولغان. مەھسۇلات مىقدارىمۇ بۇلتۇرقىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان. ئاپتونوم رايون بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 2 مىليون توننا بۇغداي سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك ئاشلىق سېتىۋېلىش ۋە سېتىش كارخانىلىرى بىلەن جۇڭگو زاپاس ئاشلىق ساقلاش شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ھەر قايسىسى بىر مىليون توننىدىن ئاشلىق سېتىۋېلىش ۋەزپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون يەنە بۇ يىلقى يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتىنى بېكىتكەن ۋە ئاشلىق سېتىۋېلىشتىكى ئۇچۇر پايدىلىنىش باھاسىنى ئېلان قىلغان يەنى ھەر كىلوگىرام ئۆلچەملىك ئاق ئاشلىقنىڭ باھاسى 1.54 يۈەن بۇلغان.
سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پېيى بازارغا سېلىنغان بارلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش كارخانىلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتى ۋە باھا سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق ساتقان پۇلىنى ۋاقتىدا تولۇق نەقلەشتۈرۈشى، سۈپەتكە قاراپ باھالاش، دەرىجىسى ۋە باھاسىنى چۈشۈرمەسلىكى، ھەر قانداق خىراجىئەتلەرنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قىلىش ياكى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشقا روخسەت قىلماسلىقى كېرەك. پېيى بازارغا سېلىنغان بارلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش كارخانىلىرى ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتى، سېتىۋېلىش باھاسى، سۈپەت ئۆلچىمىدە ئاشكارا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ چۈشىنىپ تۇرۇپ ئاشلىق سېتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سىياسەت، ئومۇمىيلىققا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىدىيىۋى تونۇشنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت- تەدبىر بېكىتىشى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنى يېقىنقى مەزگىلدىكى ئاشلىق سىستېمىسىنىڭ مەركىزىي خىزمىتى دەپ بېلىپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس يارىتىشى كېرەك.
|