|
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا (12)
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 8 – ئىيۇندىكى ‹‹مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر›› پروگراممىسىدا كۆرسىتىلگەن بىر خەۋەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم قارامايغا مەركەزلەشتۈردى: جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇقى موسوۋەن 1 – نومۇرلۇق قۇدۇقى جۇڭغار ئويمانلىقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇرغىلاندى، بۇ جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يەنە بىر يېڭى نېفىت، تەبىئىي گاز چارلاش رايونىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
جۇڭگو نېفىتچىلىرى 50 يىل ئىلگىرى جۇڭغار ئويمانلىقىدا جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىكنى بايقاپ، قاراماينى تۇنجى قېتىم دۇنياغا تونۇتقان ئىدى. 50 يىل ئۆتۈپ كەتتى، قارامايدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسى 1 مىليارد 960 مىليون توننىغا، تەبىئىي گاز زاپىسى 78 مىليارد 750 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى؛ 26 ئورۇندا نېفىتلىك بايقىلىپ، 17 سى ئېچىلدى.
قاراماي ‹‹ياشىنىپ›› قالغان بولسىمۇ، ياشلىق جاسارىتى يەنىلا ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتىدۇ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يىلىغا 100 مىليون توننا نېفىت گېئولوگىيە زاپىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىۋاتىدۇ، نېفىت ئېكۋىۋالېنتى يىلىغا 300 مىڭ توننىدىن 500 مىڭ توننىغىچە ئېشىۋاتىدۇ.
شىنجاڭ قاراماي، تارىم، تۇرپان – قۇمۇل، تارىم دەرياسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ نېفىتلىكنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە بازىسىنى بەرپا قىلدى، نېفىت خىمىيە سانائىتى ئاپتونوم رايونىمىز خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا تۈۋرۈكلۈك رول ئوينىماقتا.
ئۈچ چوڭ ئويمانلىقتا نېفىت، تەبىئىي گاز چارلاش – ئېچىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى
كىشىلەر كۈنسايىن ئازىيىۋاتقان ئېنېرگىيىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭلىقلار جۇڭغار، تارىم، تۇرپان – قۇمۇلدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ‹‹ئالتۇن تاۋاق›› ىدىن پەخىرلەنمەكتە.
يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، دۆلەت نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيىسىنىڭ غەربكە يۆتكىلىشى ۋە نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش – ئېچىش سېلىنمىسىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ ئۈچ چوڭ ئويمانلىقنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش كۆلىمى كېڭەيدى، نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تېز ئاشتى.
ئېچىلغىنىغا 50 يىل بولغان قاراماي نېفىتلىكى ‹‹قېرىغانسېرى تېتىكلىشىپ››، نېفىت، تەبىئىي گاز چارلاشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى رېكورت ياراتتى. 2007 – يىلىغىچە، قاراماي ئىشلەپ چىقارغان نېفىت 350 مىليون توننىغا، تەبىئىي گاز 40 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتتى؛ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۇدا 27 يىل مۇقىم ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىتلىككە ئايلاندى.
نېفىتچىلار ئون يىل ئىلگىرى تارىم ئويمانلىقىدا قارا 2 – نومۇرلۇق گازلىقنى بايقاپ، ئېلىمىزنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.
شۇنىڭدىن كېيىن تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت، تەبىئىي گاز چارلاش – ئېچىش ئىشلىرى جانلىنىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، دابېي، تۇزلۇق، دىنار، يېڭىمەھەللە، يۈدۇڭ، يانتاق قاتارلىق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تەبىئىي گازلىق بايقىلىپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تەبىئىي گاز زاپىسى 724 مىليارد 134 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يىلىغا 20 مىليارد كۇب مېتىردىن ئۇدا 20 يىل گاز بىلەن مۇقىم تەمىنلەش كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.
تۇرپان – قۇمۇل نېفىتلىكىنى چارلاش – ئېچىشتا 2007 – يىلى يېڭى سەھىپە يارىتىلدى، سەنتاڭخۇ – نيۇدۇڭ رايونىدا 100 توننىلىق نەچچە قۇدۇق قېزىلىپ، كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1000 توننىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتتى.
تارىم دەرياسى نېفىتلىكىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئون يىل ئاۋۋالقى 370 مىڭ توننىدىن 2007 – يىلى 5 مىليون 360 مىڭ توننىغا، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسى 21 مىليون توننىدىن 769 مىليون توننىغا يېتىپ، ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئون چوڭ نېفىتلىك قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
2007 – يىلى شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپ چىقىرىشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش بولدى: ئىشلەپ چىقىرىلغان نېفىت 26 مىليون 480 مىڭ توننىغا، تەبىئىي گاز 21 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتتى؛ نېفىت، تەبىئىي گاز ئومۇمىي ئېكۋىۋالېنتى 47 مىليون 480 مىڭ توننىغا يېتىپ داچىڭ نېفىتلىكىدىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇنغا ئۆتتى؛ ياراتقان سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 204 مىليارد 540 مىليون يۈەنگە، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 103 مىليارد 230 مىليون يۈەنگە، ياراتقان پايدىسى 55 مىليارد يۈەنگە يەتتى.
نېفىت خىمىيە سانائىتىدە تۈرلىرى تولۇق، ھاياتىي كۈچكە تولغان كەسىپ سىستېمىسى شەكىللەندى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى نۇقتىلىق تۈرىدىن 48 نى يولغا قويۇپ، 124 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئۈچ چوڭ ئويمانلىقتا 30 نەچچە زامانىۋى نېفىتلىك، تەبىئىي گازلىق، تۆت چوڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نېفىت، تەبىئىي گازدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى ئالاھىدىلىك قىلغان، تۈرلىرى تولۇق بولغان، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى ئاساسەن قاندۇرالايدىغان كەسىپ سىستېمىسى شەكىللەندى. شىنجاڭ ھازىر تۈرلۈك ماي مەھسۇلاتلىرى، ئېتىلېن، بىرىكمە دېۋىرقاي، بىرىكمە كاۋچۇك، بىرىكمە تالالىق مونومېر، خىمىيىۋى ئوغۇت، بالون قاتارلىق كۆپ خىل خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرالايدىغان بولدى.
نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ بارلىق شەھەر – بازارلىرىدا دېگىدەك سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىشلىتىلىدىغان بولدى؛ نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى بولغاچقا، تەڭرىتاغ، قاراقۇرۇم ئېتىكىدىكى بىپايان تېرىلغۇ يەر خىمىيىۋى ئوغۇتقا تويۇندى.
شىنجاڭنىڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى سېلىنمىسى، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 2007 – يىلىمۇ داۋاملىق يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ نېفىت، خىمىيە سانائىتى قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە سانائەت قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى%67 كە يېتىپ، 1 – ئورۇندا تۇردى.
تۆت چوڭ نېفىتلىك، تۆت چوڭ نېفىت خىمىيە بازىسى نەچچە يۈز ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە كارخانىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى
نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئەۋزەل بايلىققا تايانغان، ئېتىلېن، ئارېن، تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىدىغان ۋە ئىنچىكە پىششىقلايدىغان خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدا تۆت چوڭ خىمىيە سانائىتى بازىسى قەد كۆتۈردى.
قاراماي نېفىت خىمىيە شىركىتى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ سىكلو ئالكىل سىلىقلاش مېيى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، زامانىۋى تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن ۋە ئۆزگىچە قويۇق مايدىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن 70 نەچچە خىل مەھسۇلات سىنگاپور، ھىندىستان، ياپونىيە، كورىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىندى.
جەنۇبىي شىنجاڭ تەبىئىي گاز بايلىقىغا تايىنىپ، كۈچلۈك نېفىت خىمىيە كەسىپ بەلبېغىنى شەكىللەندۈردى: كۇچانى مەركەز قىلغان قويۇق ماي ۋە تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى رايونى قاينام تاشقىنلىق ئىچىدە قۇرۇلماقتا؛ پوسكامنى مەركەز قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىلغان بىرىكمە خىمىيىۋى ئوغۇت ۋە ئىنچىكە پىششىقلانغان خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرماقتا؛ جايلار خوتەننى مەركەز قىلىپ مول تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىپ شەھەر، بازارلاردا تەبىئىي گازنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەبىئىي گازدىن توك چىقىرىشنى تېز ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈچ چوڭ ئويمانلىق، تۆت چوڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى بازىسىنى چۆرىدەپ شەكىللەنگەن ئالاقىدار ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدە ۋە كارخانا نەچچە يۈزگە يەتتى. ‹‹جېڭدا›› گۇرۇھى، ‹‹تيەنلى›› يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىسى، ‹‹جۇڭتەي›› خىمىيىسى، ‹‹خۇڭجى›› كوكسچىلىقى، ‹‹تيەنفۇ›› ئېلېكتر – ئېنېرگىيىسى، ‹‹گۇاڭخۇي››، ‹‹ماركور››، ‹‹تيەنيې››، ‹‹خۇاجىن››، ‹‹تۇنخې›› قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ باشلامچى كارخانىلىرى نېفىت، نېفىت خىمىيە ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ئەندىزىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. چوڭ تەبىئىي گازلىق، نېفىتلىك، خىمىيىۋى ئوغۇت، نېفىت ئايرىش، ئېتىلېن، ئارېن بازىسى قۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرلىرى يولغا قويۇلدى. ‹‹11 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى ھالقىما تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئورۇندايدىغان مۆلچەرىي مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى220 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ.
بۇ چوڭ تۈرلەرگە تايىنىپ بىر قاتار كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى. ئۈرۈمچى، قاراماي، كۈيتۈڭ، شىخو، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردا ئېتىلېن، ئارېن، كاربون پىششىقلاش، سۇلياۋ پىششىقلاش، يېڭىچە ماتېرىيال ۋە ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئىككىلەمچى ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرلىرى تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدۇ.
|