باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ۋاڭ لېچۈەن مەدەنىيەت مىنىستىرىمىز سەيۋۇ بىلەن كۆرۈشتى
2008- 06- 23 11:11 شىنجاڭ گېزىتى

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 21 – ئىيۇن كەچتە مەدەنىيەت مىنىستىرىمىز سەي ۋۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

   ۋاڭ لېچۈەن سەي ۋۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەزگىلىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى بولغان شىنجاڭنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى تېخىمۇ شانلىق باھارنى كۈتۈۋېلىپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدى. بۇنىڭدىن كېيىن مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   سەي ۋۇ يېقىندا  ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىغا يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ ، تەسىرگە ئىگە بىر تۈركۈم نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، مىللىي مەدەنىيەت ماركىسى يارىتىش جەھەتتە نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدى. شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە تېخىمۇ زور رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ.

   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، ياڭ گاڭ، فۇ چياڭ، لى يى، بەي جىجيې، تېلىۋالدى ئابدۇرېشىت كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ