باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆيۈنۈشىگە موھتاج
2008- 06- 23 10:56 شىنجاڭ گېزىتى

 پەرىدە تۇردى

   ئوقۇتۇش تەلىم – تەربىيە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىك رولى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش روھىنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشى مۇھىم. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلاردا پۇختا ئاساسىي بىلىم، كەسپى بىلىم، توغرا ئىپادىلەش سەنئىتى ۋە يېتەكلەش ئىقتىدارى بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل بىلىم ئېلىش، ھەر تەرەپلىمە تەربىيىلىنىش روھىنى يېتىلدۇرگىلى بولىدۇ.

   ئوقۇتقۇچى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتە ‹‹كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش›› ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئارقىدا قېلىش سەۋەبىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ، ئۇلارغا قارىتا سەمىمىي كۆيۈنۈش ھېسسىياتى بىلەن، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى ۋە يوللىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل باش قاتۇرۇپ، دادىللىق بىلەن كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىندىئۇداللىقىغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىپ، ئولارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، توغرا يولغا باشلاپ، گۈزەل ئىستىقبالغا ئىگە قىلشى كېرەك.  

   ئوقۇتقۇچىغا ساغلام بولغان ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتەك مۇقەددەس ۋەزىپە يۇكلەنگەن. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ بۇ مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۇچۇن، ھەر ۋاقىت ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشى، ئۇلارنى سۆيۈشى ۋە چۈشىنىشى كېرەك. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۆزىنى كەمسىتىش پسىخىكىسى پەيدا بولۇپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يوقايدۇ، شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئۇلارغا كۆيۈنۈش پوزىتسىيىسىدە بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئۈزلۈكسىز چېكىنىش بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنى تەلىم – تەربىيە ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشقا يېتەكلىشى، ھەر قايسى جەھەتتىن مۇكەممەل تەربىيىلىشى، ئۇلارنى چۈشىنىشى، دەردىگە دەرمان بولۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىسىنى ئۆزىنىڭ ياخشى ئۇستازى دەپ بىلىپ، كۆڭۈل سىرىنى ئىزھار قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىدۇ.

   ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىلا جەھەتتىن ناچار بولۇشى ناتايىن. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى نوقۇل ھالدا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىغا تەنقىدىي تەربىيە ۋاسىتىسنىلا  قوللىنىۋەرمەي، ئولارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە باشقا  ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى دادىللىق بىلەن جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇلارغا ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك. ئىنسان ئۈچۈن مېھىر – مۇھەببەت، ئىشەنچ مۇھىم، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز پەرزەنتىدەك كۆرۈپ، ئۇلارغا چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت باغلاپ، ئۇلارنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۆز ئاتا – ئانىسىدەك كۆيۈنۈشى كېرەك. چۈنكى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار چۈشىنىشكە، رىغبەتلەندۈرۈشكە، كۆيۈنۈشكە موھتاج. ئۇلار ئوقۇتقۇچىنىڭ دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ھامان، ئۆز ئەمەلىيىتىدە دەرھال بۇرۇلۇش ياسايدۇ ھەم ئوقۇتقۇچىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇشقا، تېخىمۇ ياخشى باھاغا ئېرىشىشكە تىرىشىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئەسلىدە بار بولغان ئالاھىدىلىك، ئارتۇقچىلىقلارنى ۋاقتىدا بايقاپ ئۇنى جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا، ئارقىدا قالغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ تۈزىتىشكە يېتەكلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى ئەھۋاللىرىنى ھەر دائىم ئىگىلەپ، مەكتەپ، جەمئىيەت ۋە ئائىلە تەربىيىسىنى ئۆزئارا زىچ بىرلەشتۈرۈشكە ئەستايىدىل ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ