باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپ مۇدىرلىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بىرقانچە نۇقتىلار
2008- 06- 23 10:50 شىنجاڭ گېزىتى

ئامانگۈل زۇنۇن

   باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللىگۈچى، تەربىيلىگۇچى ۋە يېتەكلىگۇچى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يول باشلىغۇچى. بىر سىنىپنى ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۇچۇن، مېنىڭچە سىنىپ مۇدىرى ئادەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەندىن باشقا، تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك:

   1. سىنىپ مۇدىرى سىنىپ كوللېكتىپىنى باشقۇرۇش ۋە يېتەكلەشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان نىشاننى بەلگىلىۋېلىشى، بۇ نىشان پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلغان، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يايدىلىق بولغان بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈشتىكى پەرقلەرگە ئاساسەن، ئوخشىمىغان تەلەپ، ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ،  ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان تەربىيە ئۇسۇلىنى ۋە تەلەپلەرنى قوللانماسلىق كېرەك. دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ، ئىشنى ئاددىي، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، تىرىشسىلا نەتىجە ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى چۇشەندۇرۇش كېرەك.

   2. سىنىپ مۇدىرى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك. ھەرخىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقىنى ياخشىلىسا، زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىلىرى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ، زېھنىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ،  باشقىلارغا خالىسانە ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش پەزىيلىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

   3. سىنىپ مۇدىرى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستە ئالدىدا ماڭغان ئوقۇغۇچىلارغا يېتىشىۋېلىشتا، سىنىپ مۇدىرىنىڭ كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىشىغا، توغرا مۇئامىلە قىلىشىغا، كۆيۈنۈشىگە موھتاج. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي كەيپىياتىنى كۆتۈرىدىغان، ئۆزىگە ئىشەنچ پەيدا قىلىدىغان تەربىيىلەرنى كۆپرەك بېرىشى، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقاپ، ئۇلاردا ئازراقلا ئىلگىرىلەش بولسىلا ساۋاقداشلىرى ئالدىدا ۋاقتىدا تەقدىرلەپ، ئۇلارنى تىرىشسىلا نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ دىگەن تونۇشقا  ئىگە قىلىشى كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ