باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
تايلاند زۇڭلىسى ئىستىپا بېرىشنى رەت قىلدى
2008- 06- 23 10:28 تەڭرىتاغ تورى

       20–ئىيۇن، تايلاند ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشچىلار بانگوكتىكى تايلاند زۇڭلىسى مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا ساقچىلار بىلەن تىركەشتى. شۇ كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشچىلار چوڭ تىپتىكى نامايىش ۋە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، زۇڭلى شامانىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى. نامايىشچىلار زۇڭلى مەھكىمىسىگە بۆسۈپ كىرىپ، ساقچىلارنىڭ قامال قىلىش سىزىقىلىرىنى بۇزۇۋەتتى. 

      تايلاند ھۆكۈمەت باياناتچىسى شامانىڭ بۇ بېسىملارغا بويسۇنمايدىغانلىقىنى ۋە ھەرگىز ئىستىپا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

      تايلاند پارلامېنتى 24–ئىيۇن شامانىڭ ئىشەنچسىزلىك دىلوسىغا قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بېكىتتى. 26–ئىيۇن ئەڭ ئاخىرقى ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.  

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ