باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئېلانى
2008- 06- 23 10:11 شىنجاڭ گېزىتى

   2008 – يىل 46 – نومۇرلۇق

    كۆمۈر، توك باھاسىنىڭ نۆۋەتلىشىپ ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۆمۈر ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، مۇقىملىقى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ‹‹باھا قانۇنى››نىڭ 30 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، باھا تەڭشەلگەن كۈندىن باشلاپ 31 – دېكابىرغىچە، مەملىكەت بويىچە ئېلېكتر كۆمۈرىنىڭ باھاسىغا ۋاقىتلىق ئارىلىشىش تەدبىرى قوللىنىش قارار قىلىندى، ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

    بىرىنچى، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئېلېكتر كۆمۈرى بىلەن تەمىنلەشتە(نۇقتىلىق توختاملىق ئېلېكتر كۆمۈرى بىلەن تەمىنلەش ۋە نۇقتىلىق بولمىغان توختاملىق ئېلېكتر كۆمۈرى بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، كۆمۈرنىڭ كاندىن چىقىش باھاسى(ئاپتوموبىلغا قاچىلانغاندىكى باھاسى)دا 2008 – يىلى 19 – ئىيۇندىكى ئەمەلىي راسچوت باھاسىنى ئەڭ يۇقىرى چەك قىلىدۇ؛ 19 – ئىيۇن سودا قىلمىغانلار، شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق ئەمەلىي راسچوت باھاسىنى ئەڭ يۇقىرى چەك قىلىدۇ. باھاغا ۋاقىتلىق ئارىلىشىش مەزگىلىدە، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئېلېكتر كۆمۈرىنىڭ كاندىن چىقىش باھاسى(ئاپتوموبىلغا قاچىلانغاندىكى باھاسى)نى ئەڭ يۇقىرى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشىگە بولمايدۇ.

     نۇقتىلىق بولمىغان توختاملىق ئېلېكتر كۆمۈرىنىڭ بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆلكە دەرىجىلىك باھا تارماقلىرى چەكلىك باھا پەرقى نىسبىتى قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوبوروت ھالقىلىرىدىكى خىراجەتنى تىزگىنلەيدۇ.

    ئىككىنچى، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشتە ئىككى تەرەپ توختاملاشقان بولسا، ئېلېكتر كۆمۈرى بىلەن تەمىنلەش توختامدا پۈتۈشۈلگەن سان، سۈپەت ۋە باھا بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. نۇقتىلىق توختاملىق ئېلېكتر كۆمۈرىنى بازاردىكى كۆمۈر قاتارىدا سېتىش چەكلىنىدۇ. كۆمۈر ترانسپورتى قاتارلىق ئوبوروت كارخانىلىرى بەلگىلەنگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، باھانى ئۆز ئالدىغان ئۆستۈرۈۋېلىشىغا، باھا قوشۇۋېلىشىغا بولمايدۇ.

    ئۈچىنچى، ھەرقايسى كۆمۈرچىلىك كارخانىلىرى يۇقىرىدا دېيىلگەن باھاغا ۋاقىتلىق ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. جايلاردىكى باھا تارماقلىرى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىمە باھاسىغا خىلاپلىق قىلىش، باھانى ئۆز ئالدىغا ئۆستۈرۈۋېلىش قىلمىشلىرى، كۆمۈرنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىش، ناچىرىنى ياخشىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش قاتارلىق ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، باھانى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئۆستۈرۈش قىلمىشلىرى، ئېلېكتر كۆمۈرى توختامىنى ئىجرا قىلماسلىق، نۇقتىلىق توختاملىق ئېلېكتر كۆمۈرىنى بازار كۆمۈرى قاتارىدا سېتىش قىلمىشلىرى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئېلېكتر كۆمۈرى باھاسىغا ۋاقىتلىق ئارىلىشىش تەدبىرلىرىگە خىلاپلىق قىلغان كارخانىلار ‹‹باھا قانۇنى››، ‹‹قانۇنغا خىلاپ باھا قىلمىشلىرىنى مەمۇرىي جازالاش بەلگىلىمىسى›› بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان تىپىك دېلولار ئالاقىدار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلىنىدۇ.

    ئالاھىدە ئېلان قىلىندى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى

                             2008 – يىل 6 – ئاينىڭ 19 – كۈنى

   (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 19 – ئىيۇن تېلېگراممىسى)

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ