|
باش شۇجى خۇجىنتاۋنىڭ‹‹خەلق گېزىتى››ئىدارىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەنلىكى توغرىسىدا

20 – ئىيۇن، ‹‹خەلق گېزىتى›› نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى پەيتىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتا ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن ‹‹خەلق گېزىتى››گە كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ‹‹خەلق گېزىتى›› نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاخبارات – تەشۋىقات سېپىدىكى يولداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.
‹‹خەلق گېزىتىدە ئىشلىگەن نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر پارتىيىنىڭ ئاخبارات – تەشۋىقات ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى››
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن ئاشقاندا خۇ جىنتاۋ ‹‹خەلق گېزىتى›› ئىدارىسىگە كەلدى. خىزمەت بىناسىدىكى زالدا ئۇ گېزىتخانىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىسى كۆرگەزمىسىنى زور ئىشتىياق بىلەن كۆردى.

1948 – يىلى 6 – ئايدا نەشر قىلىنغان ‹‹خەلق گېزىتى›› ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى. 60 يىلدىن بۇيان ‹‹خەلق گېزىتى›› توغرا گېزىت چىقىرىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا تارقىتىپ، پارتىيىمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر ‹‹خەلق گېزىتى›› تەرەققىي قىلىپ، زور ئوقۇرمەنلەر توپى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە زامانىۋى ئاخبارات ۋاسىتىسىگە ئايلاندى.
كۆرگەزمىگە قويۇلغان سۈرەتلەر، ماددىي بويۇملار، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹خەلق گېزىتى›› گە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى جانلىق نامايان قىلىپ، ‹‹خەلق گېزىتى››نىڭ 60يىلدىن بۇيان بېسىپ ئۆتكەن ئەگرى – توقاي مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. خۇ جىنتاۋ ‹‹خەلق گېزىتى››نىڭ 60 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، گېزىتخانىدا ئىشلىگەن نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ پارتىيىنىڭ ئاخبارات – تەشۋىقات ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى.
‹‹پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورگان گېزىتىنىڭ جامائەت پىكرى يۆنىلىشىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك››
‹‹خەلق گېزىتى››نىڭ كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەيدىغان مۇھەررىرلىرى بەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ماقالە تەھرىرلەش، سۈرەت تاللاش، بەت لايىھىلەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەۋاتقان بىر قانچە مۇھەررىر كومپيۇتېردا ‹‹خەلق گېزىتى›› نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئالاھىدە سانىنى ياساۋاتاتتى، خۇ جىنتاۋ ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ بەتنىڭ ياسىلىش جەريانىنى ئىشتىياق بىلەن كۆردى ھەم سەمىمىيلىك بىلەن كېچىلىك ئىسمېنىنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، سائەت نەچچىگىچە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى. خۇ جىنتاۋ مۇھەررىرلەرگە مۇنداق دېدى: كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەۋاتقان مۇھەررىرلەر گېزىت تەھرىرلىكىدىكى ئاخىرقى ئۆتكەل، كۆپچىلىك يىل بويى ئىش ئورنۇڭلاردا چىڭ تۇرۇپ، بەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەپ، سۈرەتلەرنى ياخشى تاللاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹‹خەلق گېزىتى››نى ياخشى چىقىرىش ئۈچۈن زور ئەجىر قىلدىڭلار. باش شۇجى ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، كېچىلىك ئىسمېنىدىكى مۇھەررىرلەر ئىنتايىن ھاياجانلاندى.
1 – سەپتىكى مۇخبىر، مۇھەررىرلەر گېزىتخانىنىڭ ئاساسىي قوشۇنى. خۇ جىنتاۋ كېچىلىك ئىسمېنا خىزمەت ئورنىدا 1 – سەپتىكى مۇخبىر، مۇھەررىرلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. گېزىتخانىنىڭ تەنتەربىيە مۇخبىرى باش شۇجىغا مۇنداق دەپ ئىپادە بىلدۈردى: بىز ئۆزگىچە، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئو ت م ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك، بېيجىڭ ئو ت م دا خاسلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى سەۋىيىدە خەۋەر قىلىمىز. خۇ جىنتاۋ خۇشال بولۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹ياخشى، ماڭا كېرىكى دەل مۇشۇ گەپ››.
سۆزلىشىش جەريانىدا خۇ جىنتاۋ مۇھەررىر، مۇخبىرلارنىڭ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا خەۋەر قىلىش مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، خەۋەر قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ‹‹خەلق گېزىتى››نىڭ خاسلىقنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، سەۋىيىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورگان گېزىتىنىڭ جامائەت پىكرى يۈنىلىشىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.
‹‹گېزىت چىقىرىشتىمۇ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەھۋاللارنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك››
‹‹خەلق گېزىتى››نىڭ خەلقئارا خەۋەرلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشىنى مۇھىم كۆزنەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. ‹‹خەلق گېزىتى››نىڭ خەلقئارا خەۋەرلەر بۆلۈمىدە خۇ جىنتاۋ خەلقئارا خەۋەرلەرنىڭ يېزىلىش، تەھرىرلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.
خۇ جىنتاۋ كۆپچىلىككە: خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە، ئېلىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئالاقىسى بارغانچە قويۇقلاشتى. پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چوقۇم دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىيەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، يولداشلار، سىلەر گېزىت چىقارغاندىمۇ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بېرىشىڭلار كېرەك. يولداشلارنىڭ مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇپ ۋە دۇنياغا يۈزلىنىپ، ‹‹خەلق گېزىتى›› نىڭ خەلقئارا خەۋەرلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. باش شۇجى يەنە خەلقئارا خەۋەرلەر بۆلۈمى مەسئۇلىغا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلاردىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ جۇڭگو خەلقى بىلەن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى.
‹‹تورداشلار بىلەن توردا پاراڭلاشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم››
خۇ جىنتاۋ ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ ‹‹خەلق گېزىتى›› ئىدارىسى باشقۇرۇۋاتقان ‹‹خەلق تورى›› پونكىتىغا ئالايىتەن كېلىپ، تور پونكىتىدىكى خادىملارنى يوقلىدى. خەلق تورىنىڭ ‹‹ج ك پ خەۋەرلىرى›› سەھىپىسى خىزمەت سۇپىسىدا خۇ جىنتاۋ تور بېتىنىڭ مەزمۇنىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، مۇھەررىردىن سەھىپىنىڭ لايىھىلىنىشى، تور بېتىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ۋە تور ئەھلىنىڭ ئىنكاسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. باش شۇجى بۇ سەھىپىنىڭ ھازىرقى كۈندىلىك كۆرۈلۈش مىقدارىنىڭ 3 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدىغانلىقىنى بىلىپ ناھايىتى خۇشال بولدى. كۆپچىلىكنى داۋاملىق تىرىشىپ بۇ سەھىپىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈردى.
خەلق تورىنىڭ ‹‹دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرى›› چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال تور مۇھاكىمە مۇنبىرى بولۇپ، تور ئەھلى ئارىسىدا چوڭ تەسىرگە ئىگە. باش شۇجى ‹‹دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرى››دە تورداشلار بىلەن پاراڭلاشماقچى دېگەن خەۋەر توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلار بەس – بەستە مۇنبەرگە ئۇچۇر يېزىپ، باش شۇجىغا سالام يوللىدى ۋە باش شۇجىدىن سوئال سورىدى.
خۇ جىنتاۋ ‹‹دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرى››نىڭ خىزمەت سۇپىسىغا كېلىشى بىلەنلا كۆرۈنمە تەسۋىر ئارقىلىق توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش باشلاندى. ئالدى بىلەن باش شۇجى تور ئەھلىگە: دوستلار، ياخشىمۇ سىلەر! بۈگۈن توردا كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تورداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن ۋە سىلەرگە بەخت تىلەيمەن، دەپ ئۇچۇر يازدى.
––– باش شۇجى، سىز ئادەتتە تورغا چىقامسىز؟
––– ئادەتتە خىزمىتىم ئالدىراش بولغاچقا، كۈندە تورغا چىقالمايمەن، ئەمما ئىمكانقەدەر ۋاقىت چىقىرىپ تورغا چىقىپ تۇرىمەن. ئالاھىدە تەكىتلەيدىغىنىم، خەلق تورىنىڭ ‹‹دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرى›› مەن تورغا چىققاندا چوقۇم كۆرىدىغان تور بەتلىرىنىڭ بىرى. يېقىملىق ۋە سەمىمىي سۆزلەر باش شۇجى بىلەن تورداشلارنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. توردا سوئال سورايدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيدى.
––– باش شۇجى، سىز ئادەتتە توردا قايسى مەزمۇنلارنى كۆرىسىز؟
––– ئادەتتە تورغا چىقسام، بىرىنچىسى، مەملىكەت ۋە خەلقئارا خەۋەرلەرنى كۆرىمەن؛ ئىككىنچىسى، تورداشلارنىڭ قانداق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، قانداق قاراشلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىگىلەيمەن؛ ئۈچىنچىسى، تورداشلارنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە بەرگەن تەكلىپ – پىكىرلىرىنى كۆرۈمەن.
––– باش شۇجى، تورداشلار توردا خېلى كۆپ تەكلىپ – پىكىرلەرنى بەردى، سىز ئۇلارنى كۆردىڭىزمۇ؟
––– بىز تورداشلار بەرگەن بىر قىسىم تەكلىپ – پىكىرلەرگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈمىز. ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى تەكىتلەيمىز، شۇڭا مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلانغان، تەدبىر بەلگىلىگەن، ئىش بېجىرگەندە خەلقنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈمىز. ئالاقە تورى ئارقىلىق خەلقنىڭ ھالىنى ئىگىلەش، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشمۇ بىر مۇھىم ۋاسىتە.
باش شۇجى تور ئەھلى بىلەن خوشلاشقاندا مۇنداق دېدى: ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن تورداشلار بىلەن تېخىمۇ كۆپ پاراڭلىشالمايدىغان بولدۇم. ئەمما تورداشلار توردا ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارنى مەن چوقۇم ئەستايىدىل كۆرۈمەن ۋە تەتقىق قىلىمەن.
باش شۇجىنىڭ ‹‹خەلق تورى›› پونكىتىغا كېلىپ، تورداشلار بىلەن پاراڭلاشقانلىقى تورداشلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغاپ، تورداشلار بەس – بەستە ئۇچۇر يوللاشقا باشلىدى...
‹‹جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك››
تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندا خۇ جىنتاۋ ‹‹خەلق گېزىتى›› ئىدارىسى تەھرىراتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە 1 – سەپتىكى مۇھەررىر، مۇخبىرلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
‹‹خەلق گېزىتى›› ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يەننۇڭ گېزىتخانىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. لۇ شىننىڭ، ۋاڭ خۈيمىن، خۇ شىجىن قاتارلىق 1 – سەپتىكى مۇھەررىر، مۇخبىرلار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

خۇ جىنتاۋ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى جەمئىيەتتە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە پەن – تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋە ئۇچۇر ئىگىلەش بارغانسېرى تېز ھەم قۇلايلىشىپ كەتتى، ئاخبارات جامائەت پىكرىنىڭ رولى بارغانسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. ئاخبارات – تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە، ئىسلاھات ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە، دۆلەتنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك.
خۇ جىنتاۋ سۆزىدە جامائەت پىكرى ئارقىلىق يېتەكلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا مۇنداق بەش نۇقتىلىق پىكىرنى بەردى:
––– پارتىيىۋىلىك پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.
––– ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاخبارات خەۋىرىنىڭ ئوقۇشچانلىقى، جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.
––– ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق جامائەت پىكرى بىلەن يېتەكلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
––– ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشى ۋە يېڭىدىن جانلىنىۋاتقان ئاخبارات ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جامائەت پىكرى ئارقىلىق يېتەكلەشتە يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جامائەت پىكرىنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئاممىبابلاشتۇرۇش، ئوبيېكتىپلاشتۇرۇش يېڭى يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە گېزىتى، پارتىيە ژۇرنىلى، رادىئو ئىستانسىسى ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنى ئاساس قىلىپ، شەھەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور ۋاسىتىلىرى قاتارلىق كۆپ خىل تەشۋىقات بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ئورنى ئېنىق بېكىتىلگەن، خاسلىقى روشەن، بىر – بىرىنى تولۇقلىيالايدىغان، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى يېڭى ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.
––– قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئۇيۇشۇشچانلىق ۋە جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئاخىرىدا خۇ جىنتاۋ ‹‹خەلق گېزىتى››دىكى يولداشلارنىڭ مەركەزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەسسىلەپ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ‹‹خەلق گېزىتى››نى يەنىمۇ ياخشى چىقىرىپ، پارتىيىنى، خەلقنى رازى قىلىشنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈنشەن، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لىڭ جىخۇا، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.
|