|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 19 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 20 – ئىيۇندىن باشلاپ بېنزىن ۋە دېزىلىننىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسىنى 1000 يۈەن، ئاۋىئاتسىيىدە يېقىلغۇ قىلىنىدىغان كىرسىننىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسىنى 1500 يۈەن ئۆستۈرىدىغانلىقىنى، 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ھەر كىلوۋات توكنىڭ باھاسىنى 2.5 پۇڭ ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز، تەبىئىي گازنىڭ باھاسى ۋاقتىنچە تەڭشەلمەيدىكەن.
تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەڭشەشنىڭ ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىپ، تەڭشەشنىڭ زەنجىرسىمان ئىنكاسىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ماي باھاسىنى تەڭشەشتە ئاشقان چىقىمغا تۆۋەندىكىدەك تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ: (1) دېھقانلارغا، بېلىقچىلىق(يىراق ئوكيان بېلىقچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئورمانچىلىق كەسىپلىرىگە مالىيىدىن تولۇقلىما بېرىلىدۇ. (2) شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى، يېزا يولۇچى ترانسپورتى(ئاراللار ئارا ۋە يېزىلار ئارا سۇ يولى يولۇچى ترانسپورتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا مالىيىدىن تولۇقلىما بېرىلىدۇ، ترانسپورت باھاسى ئۆستۈرۈلمەيدۇ؛ (3) 7 – ئايدىن باشلاپ، شەھەرلەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ھەر بىر نوپۇسقا 15 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ، يېزىلاردا 10 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ (4) ماي باھاسىنى تەڭشەشنىڭ تاكسى كەسپىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى مالىيە تولۇقلىمىسىنى كۆپەيتىش، نامۇۋاپىق ھەقلەرنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ، ترانسپورت باھاسى ۋاقتىنچە تەڭشەلمەيدۇ؛ (5) سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز، تەبىئىي گاز، تۆمۈريول يولۇچى ترانسپورت باھاسى ۋاقتىنچە تەڭشەلمەيدۇ. مەركەز مالىيىسى تولۇقلاپ بېرىدىغان مەبلەغنى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە جايلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ.
تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكى خادىم يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر كۆمۈرنىڭ باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى، كۆمۈر، توك باھاسىنىڭ نۆۋەتلىشىپ ئۆسۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 20 – ئىيۇندىن باشلاپ 31 – دېكابىرغىچە، مەملىكەت بويىچە توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈرنىڭ باھاسىغا ئارىلىشىش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ توك چىقىرىشنى تەمىنلەيدىغان كۆمۈرنىڭ باھاسىنى 2008 – يىلى 19 – ئىيۇندىكى ئەمەلىي راسچوت باھاسىدىن ئۆستۈرۈۋېلىشىغا بولمايدۇ.
تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار نېفىت، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، كۆمۈرچىلىك كارخانىلىرىدىن دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇشنى كۈچەيتىپ، بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ھەر دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقلار كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ماي ۋە توك باھاسىنى تەڭشەشنىڭ بازارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ماي، كۆمۈر، توك باھاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ۋە بازار باھاسىنى نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆستۈرۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى ئىجرا قىلماسلىق، شۇنداقلا پىتنە – ئىغۋا تارقىتىپ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇش، بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش قاتارلىق بازارنىڭ باھا تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىدىغان ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، بازارنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.
|