باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خې گوچياڭ ھاۋاناغا بېرىپ كۇبادىكى دوستانە زىيارىتىنى باشلىدى
2008- 06- 23 09:52 تەڭرىتاغ تورى

 

      سۈرەتتە : مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يولداش خې گوچياڭ

      مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گوچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 22–ئىيۇن كەچتە ھاۋاناغا كېلىپ ، كۇبادىكى دوستانە زىيارىتىنى باشلىدى.

      خې گوچياڭ ئايرودرومغا يېتىپ كەلگەندە ، كۇبا كوممونىستىك پارتىيىسى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى لېيىملىس، جۇڭگونىڭ كۇبادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىكى جاۋ روڭشيەن ھەمدە ئەلچىخانىدىكى خىزمەتچى خادىملار، كۇبادا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋەكىللىرى ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

      خې گوچياڭ ئايرودرومدا يازما نۇتۇق سۆزلەپ ، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى، جوڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ كۇبا پارتىيىسى، كۇبا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە بولغان قىزغىن سالىمىنى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. ئۇ سۆزىدە كۇبا تۇنجى قېتىم يېڭى جۇڭگو بىلەن دوستلۇق ئورناتقان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى ، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو–كۇبا دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ دېدى . خې گوچياڭ يەنە بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ مەقسىدى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز–ئارا چۈشىنىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو–كۇبا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ھەمكارلىقنى ئۆستۈرۈپ، مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ كۇبا رەھبەرلىرى بىلەن ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئاستىدا، بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىگەندەك ئۈنۈمگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.    

 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ