باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار يېزا مەكتەپ ياتاقلىرىنى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشىدا 36 مىليون 950 مىڭ يۈەن ئەمەلىيلەشتۈردى
2008- 06- 20 18:23 تەڭرىتاغ تورى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرئەخمەت نۇرامبەگ خەۋىرى ؛ ئىلى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار بۇ يىل يېزا ياتاقلىق مەكتەپلىرىنىڭ  مەكتەپ ياتاقلىرىنى رېمونت قىلىش ، ئۆزگەرتىپ ياساش مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن 36 مىليون 950 مىڭ يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرگەن.
     ئىلى ئوبلاستى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ، يېزا ياتاقلىق مەكتەپلىرىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ قۇرۇلۇشىقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى ھەمدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ يېزىلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر تۈر قۇرۇلۇشى››، ‹‹يېزىلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ ياتاقلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى›› تۈر مەبلىغىدىن 35 مىليون 100 مىڭ يۈەن قولغا كەلتۈردى، ئوبلاست مالىيىسى 1 مىليون 850 مىڭ يۈەن ئاجراتتى. ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىلانىنى كونكرىت ، مۇۋاپىق پىلانلاپ ، ئەمەلىيلەشتۈردى.  
     ئىگىلىنىشىچە ، بۇ تۈر مەبلىغىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ ‹‹ ئىككى ئاساسەن›› خىزمەت نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپلا قالماي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش شارائىتىىنى ياخشىلاشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.  

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ