باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى مىللىي–خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى
2008- 06- 20 18:23 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرئەخمەت نۇرامبەگ خەۋىرى : دۆلەت 6 مىليون يۈەن ، يەرلىك 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغان ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 7894 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان توققۇزتارا ناھىيىسى مىللىي–خەنزۇ مەكتەپنى بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە ياتاق بىناسى قۇرۇلۇشى يېقىندا ، ناھىيىلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپتە باشلاندى. بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئەنئەنىۋى مائارىپ بايلىقىدىكى ئىسراپچىلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپلا قالماي ، مىللىي ۋە خەنزۇ تىلى مائارىپىنى ماسلىشىشقا يېتەكلەش ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
      ئىگىلىنىشىچە ، بۇ دۆلەتنىڭ ئىلى ئوبلاسىتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى مىللىي ۋە خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا تۇنجى قېتىم مەبلەغ سېلىشى بولۇپ ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا بىرىنچى تۈركۈمدە بىرلەشتۈرۈش تۈردىن مەنپەئەتلىنىدىغان ئىككى مەكتەپ بار ئىكەن ، بۇلار توققۇزتارا ۋە مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىلىرىدە بولۇپ ، بۇ قۇرۇلۇشقا جەمئىي 15 مىليون 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ