باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2008– يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 24–ئىيۇن باشلىنىدۇ
2008- 06- 20 12:11 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

      ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2008– يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى مۇشۇ ئاينىڭ 24– كۈنىدىن 26– كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە 27 مىڭ 273 ئوقۇغۇچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، بۇ بۇلتۇرقىدىن 4 مىڭ 225 ئوقۇغۇچى ئارتۇق بولۇپ، تارىختىن بۇيانقى ئىمتىھان نۇقتىسى ئەڭ كۆپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچى ئەڭ كۆپ، باشقۇرۇشتىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر قېتىملىق ئىمتىھان ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 20– كۈنىدىن 21– كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە  2008– يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ. بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا تۇنجى قېتىم دەرىجىگە ئايرىپ قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىدە بىر قەدەر زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى، ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا بېرىلگەن باھاسى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدىكى پەنلەر دەرىجىسى، دەسلەپكى ئومۇمىي نومۇرى ۋە تۈرلەر بويىچە رەتكە تىزىلىتىشىگە قاراپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ