|
·ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك، دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ھازىردىن باشلاپ 10 –ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تىببى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى مەخسۇس تۈر بويىچە تەرتىپكە سېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىببىي داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولغان تىببى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بازارغا كىرىشىگە مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلىدۇ.
·دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 18 – كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 5 –ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئۆي –زىمىن تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۆرسەتكۈچى 103.34 نۇقتا بولۇپ، 4–ئايدىكىدىن 0.73 نۇقتا تۆۋەنلىگەن، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسى بىلەن تەڭلەشكەن. 5 – ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە بوش قالغان تاۋار ئۆي كۆلىمى 127 مىليون كىۋادىرات مېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 0.1 پىرسەنت ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە بوش قالغان تاۋار ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى 4.8 پىرسەنت ئازلىغان.
·مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شاۋچۈن مۇشۇ ئاينىڭ 17 - كۈنى مۇنداق دېدى: ‹‹ئېنىرگىيە تىجەش قانۇنى››نىڭ تەلىپىگە ئاساسلانغاندا، مالىيە مىنىستىرلىكى بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق زور كۈچ بىلەن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك باج سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېنىرگىيە تىجەش بويىچە ئۇزاق مەزگىللىك ئۈنۈمگە ئىگە مىخانىزىم بەرپا قىلىدۇ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
.ئىككى كۈن 6 يۈەن 9 مو ۋە 6 يۈەن 8 مو 9 پۇڭلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتكەندىن كىيىن، تۈنۈگۈن خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ئارىلىق باھاسى 6 يۈەن 8 مو 7 پۇڭ 9.6 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىدە، 2008 - يىلىدىن بۇيانقى 46 - يېڭى، يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. تۈنۈگۈن، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 6 يۈەن 8 مو 7 پۇڭ 9.6 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 7 مو 1 پۇڭ 7 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 3 مو 8 پۇڭ 8 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 8 مو 8 پۇڭ 2 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 13 يۈەن 4 مو 8 پۇڭ 8 لىغا ئايرىۋاشلاندى.
·بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى يېڭىلىق يارىتىش بۆلىمىنىڭ مۇدىرى لى چۈەنئەن مۇشۇ ئاينىڭ 18 كۈنى فۇجۇدا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرى بازىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە خەلق پۇلى مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆرلىدى، بۇلتۇر خەلق پۇلى مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى پۈتكۈل كەسپتىكى مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.
|