|
ئامېرىكىدىكى روزىغار باشقۇرۇش پىرى سۇزي. ئوماننىڭ تەۋسىيىسى ئادەمنى بەك قايىل قىلىدۇ. ئومان مۇنداق قارايدۇ: پۇلنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى بىلىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنى بىلمىگەندە تاپقان پۇلىڭىز ھامان بىر كۈنى قولىڭىزدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىدۇ.
ئومان مۇنداق دەيدۇ: پۇل تېپىشقا بالدۇرراق تۇتۇش قىلىش لازىم. ناۋادا سىز 25 ياش ۋاقتىڭىزدىن باشلاپ، ئېيىغا 100 يۈەن ئاجرىتىپ، مەبلەغ سالسىڭىز، %12 لىك مەبلەغ پايدا نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، 65 ياشقا بارغاندا بىردىنلا مىليونېرغا ئايلىنىسىز؛ ناۋادا سىز مەبلەغ سېلىشنى 35 ياش ۋاقتىڭىزدىن باشلىسىڭىز، ئۇ چاغدا 65 ياشقا بارغاندا پەقەت 300 مىڭ يۈەنلىكلا بولالايسىز. ئون يىل ۋاقىت 700 مىڭ يۈەنلىك پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېگەن گەپ. ئەگەر سىز 18 ياش ۋاقتىڭىزدىن باشلاپ مەبلەغ سېلىشقا باشلىسىڭىز، 65 ياشقا بارغاندا 3 مىليون 900 مىڭ يۈەننىڭ ئىگىسى بولۇپ، قالىسىز. بۇنى 25 ياشتىن باشلاپ مەبلەغ سېلىشقا سېلىشتۇرغاندا ئاز كەم 2 مىليون يۈەن ئارتۇق، دېگەن گەپ. دالىيەن‹‹ جىبو›› مالىيە – ئىقتىساد ئۇچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرېكتورى، نوپۇزلۇق روزىغارچىلىق مۇتەخەسسىسى جاڭ جىبو مۇنداق دەيدۇ: ئەمەلىيەتتە، پۇختا، ئىشەنچىلىك، توغرا بولۇش ئوماننىڭ روزىغار باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك. ئومان دائىم مۇئامىلدارلارنى ‹‹ ئىقتىدارىڭلارنى چوقۇم دەڭسەپ تۇرۇڭلار، كىرىم بىلەن چىقىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاڭلار. دەرھال ئىشلىتەلەيدىغان پۇلنى غەملىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن تۇرالغۇ سېتىۋېلىشنى ئويلىشىڭلار، پۇلدارلارغا ئايلىنىش بىر تىيىن، بىر تىيىندىن تېجەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ›› دەپ تەكرار ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىكەن. بۇ گەپلەر ئاڭلىماققا ‹‹ ئاتام ئېيتقان ئاۋالقى گەپ›› دەك كونا بىلىنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئوماننىڭ سىناقتىن ئۆتكەن روزىغار باشقۇرۇشتىكى تالاي سىرى مۇجەسسەملەنگەن.
كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىش ئادىتىنى چوقۇم يېتىلدۈرۈش لازىم. ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك كىرىم مەنبەسى ئىككى، بۇنىڭ بىرى، مائاشتىن كىرىدىغان؛ يەنە بىرى، روزىغار باشقۇرۇشتىن كىرىدىغان كىرىم. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا روزىغارىمىزنى ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ؟ ئاتاقلىق روزىغار باشقۇرۇش مۇتەخسسىسى ليۇ يەنمىن: ئىشنى ئەڭ ئاۋۋال پۇل يىغىشتىن باشلاش كېرەك، پۇل يىغىش روزىغارچىلىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كىرىمنى دەريا - ئېقىنغا، يىغىلغان بايلىقنى سۇ ئامبىرىغا، خەجلىگەن پۇلنى سۇ ئامبىرىدىن چىقىرىۋەتكەن سۇغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. شۇڭا سۇ ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان سۇلا سىزنىڭ بايلىقىڭىز ھېسابلىنىدۇ. پۇل جۇغلاشنى ئويلىسىڭىز كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىش ئادىتىنى چوقۇم يېتىلدۈرۈڭ، دېگەنىدى.
ئەلۋەتتە، پۇل يىغىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، مەبلەغ سېلىشنى، پۇلغا تايىنىپ پۇل تېپىش ئۇسۇللىرىنى چوقۇم ئۆگىنىۋېلىش لازىم.
|