|
ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتىگە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى سولانا 19 – ئىيۇن ئوكرائىنانى سىياسىي مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۈندىدى.
· ئەنگىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ 19 – ئىيۇن بىلدۈرۈشىچە، ئەنگىلىيىنىڭ ئايال پادىشاھى ئىلزابت 2 شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن‹‹لىسبون›› شەرتنامىسىنى رەسمىي تەستىقلىغان. بۇ بىلەن ئەنگىلىيە ئالدىنقى ھەپتە ئىرىلاندىيە ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇپ بۇ شەرتنامىنى ئىنكار قىلغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ بۇ شەرتنامىنى تەستىقلىغان دۆلەت بولۇپ قالغان.
·ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ھۈسەينى 19 – ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ تىزگىنلىشى بىلەن بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى يالغاندىن خەۋەر توقۇپ تارقىتىۋاتىدى، ئىران بۇنى ئەيىبلەيدۇ، دېدى.
·كاراكاستىن كەلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، ۋېنسۇئېلانىڭ زۇڭتۇڭى چاۋس بىلەن پاراگۋاينىڭ زۇڭتۇڭى فېرناندو لۇگو يېقىندا لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
·ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھتاج 19 – ئىيۇن ئۇگاندا پايتەختى كامپالادا ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ ئاۋام ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يادرو پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى تەنقىدلىدى ھەمدە ئىران غەربنىڭ بېسىمىغا باش ئەگمەيدۇ، دېدى.
·جەنۇب تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چىلى جامائەت قۇرۇلۇشى مىنىستىرى بىتار يېقىندا ئارگېنتىنا بىلەن بىرلىكتە ئاندېس تېغىنى كېسىپ ئۆتىدىغان، ئىككى دۆلەتكە تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول ياساش توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك پىلاننى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
·ئىران پارلامېنتىنىڭ باشلىقى رالىجانى 19 – ئىيۇن ئامېرىكىغا يەنە خاتا پەزەر قىلىپ قويماسلىقنى، بولمىسا ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۈچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
.لاتۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 19 –ئىيۇن ئايرىم ھالدا لاتۋىيىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن تېخى رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
.ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا تۇرۇشلۇق تىنچلىق ساقلاش قىسمى باياناتچىسىنىڭ 19– ئىيۇن ئېيتىشىچە، تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى 19 – ئىيۇن بوسنىيە–گېرتسېگوۋىنانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا چۈشۈپ كەتكەن، ئايرۇپىلاندىكى 4 خادىمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.
.كورىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 19 – ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە چىڭۋاتەي زۇڭتۇڭ مەھكىسىمى 18–ئىيۇن، كورىيە زۇڭتۇڭى لى مىڭبونىڭ كېلەر ھەپتىدە زۇڭتۇڭ باش كاتىبات ئىشخانىسىنى زور كۆلەمدە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەيدىغانلىقىنى، خادىملارنى تەڭشەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
·روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كېرمىل سارىيى ئاخبارات ئىدارىسى روسىيە زۇڭتۇڭى مېدىۋېدېۋنىڭ گروزىيە زۇڭتۇڭى ساكاشىۋىلى بىلەن تېلېفونلاشقاندا، گروزىيە - ئابغازىيە توقۇنۇشىۋاتقان رايوندا روسىيىنىڭ تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان.
·ئەنگىلىيە BBC ئاخبارات تورىنىڭ 19 – ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بروۋېن فرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئىنكار قىلغان.
ياۋروپادىكى بىر مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن نېفىت ئىمپورت قىلىش سوممىسى 1 مىليارد ياۋرودىن ئېشىپ، 2003 – يىلىدىكىنىڭ 4 ھەسسىگە توغرا كەلگەن .
ئاسترالىيە زۇڭلىسى كېۋن رود 19 – ئىيۇن 8 – ئاينىڭ 8 –كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
|