باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى 3– تۈركۈمدىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى تەقدىرلەش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
2008- 06- 20 11:14 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە جەڭگىۋارلىق رولى ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى يەنىمۇ جارىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى 19 –ئىيۇن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى 3– تۈركۈمدىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى تەقدىرلەشنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ تەقدىرلەش قارارىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر قولدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تۇتۇش، بىر قولدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بۇ بىر مەيدان يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۆرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. 
 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ