|
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇي لياڭيۈ يېقىندا خېبېيدا يازنىڭ ‹‹3 ئىشى›› مەزگىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش— ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار، تارماقلار يېقىندا ئېچىلغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە مەركەزگە قاراشلىق تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىدىغان، دېھقانلارغا نەپ بېرىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قىلچىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماي چىڭ تۇتۇشى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىم راۋاجلاندۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش قەدىمىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىنى تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نۆۋەتتىكى يازنىڭ‹‹3 ئىشى›› مەزگىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش، يازلىق يىغىم، يازلىق تېرىلغۇ ۋە ئېتىز –ئېرىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇلازىملىقىنى كۈچەيتىش، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش، تېرىقچىلىق قىلىشتىكى ئاكتىپلىقىنى قوغداش ۋە قوزغاش، تۈرلۈك ئامال– چارىلەر بىلەن بۇ يىل يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا تىرىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز راۋاجلىنىشى ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
|