|
ئەگەر سىز 8 –ئاۋغۇسىت كۈنى ، يەنى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئالماقچى بولسىڭىز، ئالدىن تىزىملاتسىڭىز بۇلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە ، 8–ئاۋغۇسىت بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى بولۇپلا قالماي يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى نىكاھ تەنتەنىسى قىلىدىغان ياخشى كۈن ئىكەن. خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، شۇ كۈنى توي قىلىشقا تىزىملىتىدىغانلار ئادەتتىكى ۋاقىتتىن نەچچە ھەسسە كۆپ بۇلىدىكەن.
خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئېيتىشىچە ، شۇ كۈننى تېخىمۇ ياخشى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ، ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم نىكاھلانغۇچىلارنى ئالدىن تىزىملاش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان.
بۇ ھەقتە مۇخبىرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىشىچە ، نۆۋەتتە ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى نىكاھلانغۇچىلارنى تىزىملاش ئورۇنلىرى ئالدىن تىزىملاش خىزمىتىنى باشلىۋېتىپتۇ ، تىزىملاتماقچى بولغانلار ئۆزى كېلىپ تىزىملىتىشقا قاتنىشىدىكەن ، تېلېفوندا تىزىملىتىش 7–ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن .
نۆۋەتتە ، نىكاھلانغۇچىلارنى تىزىملىتىش ئورنىدىكىلەر خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرۈپ ، ئاكتىپ تەييارلىق كۆرمەكتە ئىكەن. شۇ كۈنىدە نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىدىغانلارنىڭ باس–باس بولۇپ كېتىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ، شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەھۋالغا قاراپ خادىم كۆپەيتىشنى ياكى خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ .
|