|
* ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ھۆسىيىن مەمتىمىن ، ئابلىمىت يۈسۈپلەر خەۋىرى ، فوتوسى: يېڭىسار ناھىيسى ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ تەربىيسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۈمىد قۇرۇلۇشىغا ئايانماي مەبلەغ سالغانلىقتىن ، بۇ ناھىيىنىڭ ‹‹ قوش تىل›› ئوقۇتۇشىدا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ ناھىيە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى شەھەردىن يېزا-بازارلارغا ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن بالىلار باغچىلىرغا كېڭەيتىپ، بالىلارنىڭ تەربىيلىنىش شارائىتىنى ياخشىلىدى. 2007- يىلى يىل بېشىدىن ، بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە 3 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ، ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا - بازار مەركىزىي ۋە مەمۇرىي كەنتلەردە ‹‹قوش تىل›› بالىلار باغچىللىرىنى قۇرۇپ ، ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپ ، دېھقان ، چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىگە ياخشى تەربىيلىنىش، تاماقلىنىش مۇھىتى يارتىپ بەردى . نۆۋەتتە ، ناھىيە بويىچە يېزا-بازار، كەنتلەردە قۇرۇلغان ‹‹ قوش تىل›› بالىلار باغچىسى 80 گە، ئوقۇتۇش سىنىپلىرى 114 كە ، تەربىيىلىنىۋاتقان بالىلار 4439 نەپەرگە يەتتى.

سۈرەتتە: شەھەر يېزىسىنىڭ مەركىزى بالىلار باغچىسىدىكى غۇنچىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەنزۇتىلى ئۆگەنمەكتە

سۈرەتتە: ماڭشېن يېزىسىنىڭ گۈلباغ كەنىت بالىلار باغچىسىدىكى بالىلار ئازادە سىنىپتا تاماقلانماقتا
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سابىرجان سىيىت خەۋىرى ، فوتوسى : 6- ئاينىڭ 19- كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئۆزىنىڭ ساھەلەر بويىچە يۆلەش نوقتىسى بولغان بارىن يېزا بارىن 4- كەنت مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە 30مىڭ يۈەن قىممىتىدە كومپىيۇتېر ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ياردەم قىلدى .

سۈرەتتە : دوختۇرخانا مەسئۇلى (ئوڭدا )مەكتەپ مەسئۇلىغا كومپىيۇتېرلارنى تاپشۇرۇپ بەردى
|