باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
دۆلىتىمىز ھاۋا ئارمىيىىسىدە تۇنجى تۈركۈم كۈرەشچى ئايروپىلان ئايال ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بارلىققا كىلىشىدىن ئۈمىد بار
2008- 06- 19 11:31 تەڭرىتاغ تورى

 

      دۆلەت ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 8–تۈركۈمدىكى 22 نەپەر ئايال ئۇچقۇچى كۇرسانتى 18–ئىيۇن كۈرەشچى ئايروپىلان ھەيدەشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى تەلىم–تەربىيىسىنى تاماملىدى. ئۇلار پات ئارىدا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مەلۇم  ئېنىستىتۇتىغا يۆتكىلىپ ، كۈرەشچى ئايروپىلان ھەيدەشنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەلىم–تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىدىكەن .  

      ئەگەر تەلىم–تەربىيە ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشسا ، ھاۋا ئارمىيىسىدە 2009–يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى كۈرەشچى ئايروپىلان ئايال ئۇچقۇچىلىرى مەيدانغا كېلىدىكەن . ھاۋا ئارمىيە ھەربىي تەلىم–تەربىيە قىسمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا ، بۇ ئايال ئۇچقۇچىلارنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەلىم–تەربىيە قوبۇل قىلىدىغان ۋاقتى بىر يىل بولۇپ ، تەكشۈرۈپ باھالاشتا لاياقەتلىك بولغانلار مۇۋاپىق بازىغا يۆتكىلىپ، جەڭگە قاتنىشىدىغان ئايروپىلاننى باشقىدىن قۇراشتۇرۇش مەشىقىگە قاتنىشىدىكەن. بۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئاۋىئاتسىيە قىسمىنىڭ ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىملىرىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىيەلەيدىكەن.  

 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ