باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان47 داۋالاش ئاپپاراتى تەكشۈرۈلدى
2008- 06- 19 10:11 شىنجاڭ گېزىتى

     مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مال باھاسىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مال باھا تارماقلىرى داۋالاش ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان قالايمىغان ھەق قوشۇش، قالايمىقان ھەق ئېلىش ئەھۋاللىرىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، شەھەر دائىرىسىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى شۇنداقلا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ باھا ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك مال باھاسىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن، شەھەردىكى تىجارەت  بىلەن شۇغۇللىنىدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاساسىدا، نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىغان 47 ئورۇننى بېكىتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان داۋالاش ئاپپاراتىدىن 38ى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىدىن توققۇزى بار. تەكشۈرۈشتە 2007 –  يىل 1 –  ئاينىڭ 1 –  كۈنىدىن بۇيانقى سېتىلغان دورىلارنىڭ باھاسى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قىسىم نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇن، نۇقتىلىق سورت، نۇقتىلىق تۈرلەر نازارەت قىلىندى ۋە تەكشۈرۈلدى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ