|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنى ئۈنۈملۈك، مۇنتىزىم داۋالاپ، شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ساغلام ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى، فوند باشقۇرۇش، سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ داۋالىنىشىغا دائىر بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى.
مۇخبىرىمىز 5 – ئىيۇن سۇغۇرتىلانغۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلىنى تېلېفوندا زىيارەت قىلدى.
نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر
سوئال: ‹‹يېقىن ئەتراپتا داۋالىنىش، باشقۇرۇش قۇلاي بولۇش›› پرىنسىپىغا ئاساسەن، سۇغۇرتىلانغۇچىلار دەسلەپتە يېقىن ئەتراپتىكى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ كۆرۈنۈشى كېرەك، ئۇنداقتا، بۇ داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئاساسىي داۋالاش شارائىتىنى ھازىرلىغانمۇ؟
جاۋاب: بۇ داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رايونلاردا داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى، ‹‹داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسپىي ئىجازەت كىنىشكىسى››نى ئالغان، يىللىق باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان ھەم 24 سائەت داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. بۇ داۋالاش ئاپپاراتلىرى يەنە شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەسپىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، زۆرۈر بولغان مىكرو كومپيۇتېر ئۈسكۈنىلىرى(كومپيۇتېر ۋە POS ئاپپاراتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى سەپلىشى، ئۇنىڭ كومپيۇتېرنى تورلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە كەسپىي جەھەتتە لاياقەتلىك مەشغۇلات خادىملىرى بولۇشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، كېسەلخانىدا داۋالىنىشنىڭ ئوتتۇرىچە قوشۇمچە خىراجىتى، كېسەلخانىدا داۋالىنىشنىڭ ئوتتۇرىچە كۈن سانى ۋە دورا خىراجىتىنىڭ ئومۇمىي داۋالاش خىراجىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى قاتارلىق ئىجازەت كۆرسەتكۈچلىرى بىردەك نۇقتىلىق داۋالاش مۇلازىمىتى كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
سۇغۇرتىلانغۇچىلار ئۆزى ھەق تۆلەيدىغان دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق
سوئال: نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى سۇغۇرتىلانغۇچىلارنى ئۆزى ھەق تۆلەيدىغان دورىلار بىلەن تەمىنلىيەلەمدۇ؟
جاۋاب: تەمىنلىيەلەيدۇ. بىراق نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئۆزى ھەق تۆلەيدىغان دورا، داۋالاش تۈرلىرىنى ئىشلىتىشتە ياكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىنىدىغان ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدىغان مۇلازىمەت قىلغاندا، سۇغۇرتىلانغۇچىنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار، شۇ كىشىنىڭ ياكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان ياكى ئىمزا قويدۇرغاندىن كېيىن(جىددىي قۇتقۇزۇشتىن باشقا چاغدا) ئىشلىتىشى كېرەك. نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بەلگىلىمە سىرتىدىكى ھەقلەرنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا خاتىرىلىشىگە بولمايدۇ.
يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سۇغۇرتىلانغۇچىغا سەھىيە، مال باھا تارماقلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىغان داۋالاش تۈرلىرى ۋە ئۆزلىرى ياسىغان دورىلارنى ئىشلىتىشىگە، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشىگە بولمايدۇ. داۋالاش ئاپپاراتلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار داۋالاش خىراجەتلىرىنى تۆلەشنى رەت قىلىدۇ ياكى قايتۇرۇۋالىدۇ. ئەمگەك ۋە كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى ئەھۋالنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ، مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ ياكى سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ.
باشقا جايدا داۋالانغاندا نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىش كېرەك
سوئال: كېسىلى ئېغىر بولۇپ باشقا جايغا بېرىپ داۋالانماقچى بولغان سۇغۇرتىلانغۇچىلار قانداق رەسمىيەتلەرنى ئۆتەيدۇ؟
جاۋاب: ئۈرۈمچىدىكى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئېنىق دىئاگنوز قويالمىغان، باشقا جايغا بېرىپ داۋالىنىشى زۆرۈر بولغان سۇغۇرتىلانغۇچىلارغا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۈچ دەرىجىلىك نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەخسۇس بۆلۈم ۋراچى دىئاگنوز قويىدۇ، بۆلۈم مۇدىرى يۆتكەپ دىئاگنوز قويۇش پىكرىنى يازىدۇ، نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى تەكشۈرگەندىن كېيىن، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇل دوختۇرخانا باشلىقى ئىمزا قويۇپ يۆتكەپ دىئاگنوز قويۇش تالونىنى كېسىدۇ ھەم ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى بېجىرىش ئاپپاراتىغا رويىخەتكە ئالدۇرىدۇ.
سۇغۇرتىلانغۇچى باشقا جايدا ئۇزاق تۇرۇپ قالسا، شۇ جايدىكى 1 – ، 2 – ، 3 – دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردىن خالىغان بىرىنى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى قىلىپ تاللىۋالسا بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، سۇغۇرتىلانغۇچى تۇغقان يوقلاش، ساياھەت قىلىش، ئۆگىنىش مەزگىلىدە كېسىلى جىددىي قوزغىلىپ بالنېستتا يېتىشقا توغرا كەلسە، جەزمەن شۇ جايدىكى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالىنىشى كېرەك.
سوئال: سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ رايون سىرتىدىكى داۋالىنىش چىقىمى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
جاۋاب: سۇغۇرتىلانغۇچى رايون سىرتىدا داۋالانغاندا ھەقنى ئالدى بىلەن ئۆزى تۆلەپ تۇرۇپ، كېسەلخانىدا ياتقان مەزگىلىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى بېجىرىش ئاپپاراتىغا رويىخەتكە ئالدۇرۇشى كېرەك، داۋالاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۈچ ئاي ئىچىدە كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش كېسەللىك تارىخىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى، كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش تالونى، دىئاگنوز ئىسپاتى ۋە داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ تەپسىلىي راسچوت تالونىنى ئېلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى بېجىرىش ئاپپاراتىدا ھېساباتنى راسچوت قىلدۇرسا بولىدۇ.
مالىيىدىن بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ
سوئال: شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىدە ئوخشاشمىغان كىشىلەر توپىغا ئوخشاشمىغان تولۇقلىما بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ تەدبىرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە قانداق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟
جاۋاب: ھازىر شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا بېرىلىدىغان مالىيە تولۇقلىمىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى تۇرغۇزدۇق. سۇغۇرتىلانغۇچىلار مالىيە تولۇقلىمىسىغا ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرى، ھەر قايسى مەھەللە ئەمگەك ۋە كاپالەت پونكىتلىرى تەۋەلىكىدىكى شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ ئوخشاشمىغان كىشىلەر توپى بويىچە مالىيە تولۇقلىمىسىغا ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، سۇغۇرتىلانغۇچىلارنى بىۋاسىتە نازارەت قىلىپ، ئۇلارنى قاتنىشىش ھوقۇقى، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
|