|
—ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا(11)
ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن – كۆكتاغ يېڭى رايونىنىڭ باغچىلاشقان خىمىيە سانائىتى رايونى 27 – ماي يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى؛ ‹‹جۇڭتەي›› خىمىيە پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلدا 360 مىڭ توننا پولىۋىنىل خلورىد – دېۋىرقاي ۋە ئۇنىڭغا يانداش 300 مىڭ توننا ئىئون پەردىلىك كۆيدۈرگۈچى ئىشقار ئىشلەپ چىقىرىدىغان 2 – باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. شىنجاڭ ‹‹جۇڭتەي›› خىمىيە پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ خۇڭشىن: بۇ قۇرۇلۇش 2010 – يىلى پۈتكەندىن كېيىن، شىركىتىمىز خلور، ئىشقار ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى مىليون توننىدىن ئاشىدىغان، سېتىش كۆلىمى 10 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان مەملىكەت بويىچە پەۋقۇلئاددە چوڭ خلور، ئىشقار خىمىيە سانائىتى كارخانىسىغا ئايلىنىدۇ، دېدى.
مىچۈەن – كۆكتاغ يېڭى رايونىنىڭ خىمىيە سانائىتى رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جەمئىي 157 كارخانا بۇ يەرگە ئورۇنلاشتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە سېتىش كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانىدىن بىرى، 1 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانىدىن ئۈچى، 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانىدىن ئونى بار بولۇپ، بۇ سانائەت رايونى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىجىل تەرەققىياتىدىكى بىر يېڭى ‹‹يارقىن نۇقتا›› بولۇپ قالدى. دېڭ شياۋپىڭنىڭ 1992 – يىلى جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى ئېچىۋېتىلگەن رايون –– ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قۇرۇلغانىدى.
2005 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىشنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت رايونى قۇرۇلۇشى سانائەت رايونىنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپلەر توپى شەكىللەندۈرۈش ئىدىيىسى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تەرەققىيات قەدىمى كۆرۈنەرلىك تېزلىشىپ، تېز راۋاجلىنىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى.
كەسىپلەر توپى شەكىللەندۈرۈشتە دەسلەپكى كۆلەم شەكىللىنىپ، يېتەكچى كەسىپ ئۈزلۈكسىز زورايدى. ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ‹‹ماركور››، گۇاڭخۇي، جىننيۇ، تۇڭيى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەۋزەل بايلىقلارنى ئىنچىكە پىششىقلايدىغان كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى، يېمەك – ئىچمەك، سۇلياۋ بۇيۇم، ئائىلە جابدۇقلىرى ياساش قاتارلىق يېتەكچى كەسىپلەر دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقىنىڭ قۇرۇلما تەڭشەش جەھەتتىكى سالمىقى %41.5نى، سۇلياۋ بۇيۇم كەسپى %12.3نى، يېمەك – ئىچمەك كەسپى %16.8نى، ئائىلە جابدۇقلىرى ياسىمىچىلىقى %9.5نى ئىگىلىدى.
شىخەنزە ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، سودىگەر چاقىرىش ۋە مۇلازىمەتنى قانات قىلغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەكلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت باشقۇرۇش مەشغۇلات ئەندىزىسىنى ئىجادچانلىق بىلەن شەكىللەندۈرۈپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇردى.
2000 – يىلىدىن ھازىرغىچە، تەيۋەن ‹‹كاڭشىفۇ›› تەييار يېمەكلىكى، ‹‹ۋاڭۋاڭ›› سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئىچكى موڭغۇل ‹‹يىلى›› سۈت مەھسۇلاتلىرى، جېجياڭنىڭ ‹‹ۋاخاخا›› ئىچىملىكى، ‹‹يۈرۇن›› گۆش مەھسۇلاتلىرى، بېيجىڭ ‹‹يەنجىڭ›› پىۋىسى ۋە جياڭسۇ خۇافاڭ توقۇمىچىلىقى، شيۇڭفېڭ توقۇمىچىلىقى، خۇڭشېڭ ئائىلە توقۇمىچىلىقى، گۈيخاڭ پاختا تېرىش ماشىنىسى قاتارلىق دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى زور بىر تۈركۈم كارخانىلار سانائەت رايونىغا كىرگۈزۈلۈپ، يېمەكلىك، توقۇمىچىلىق كەسپىنى تېز توپلاشتۇردى، تەرەققىيات رايونى 11 مىليارد 589 مىليون يۈەن مەبلەغ كىرگۈزدى، يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن% 45.22 ئاشتى. ئەۋزەل ئالاھىدە سىياسەت، مۇكەممەل مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە ياخشى مۇلازىمەت سانائەت رايونىنىڭ سېھرىي كۈچى. 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت رايونىغا 8 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى.
كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بۇلتۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، بۇنىڭ بىلەن سېلىنغان مەبلەغ جەمئىي 560مىليون يۈەنگە يەتتى. ‹‹ماركور››نىڭ خىمىيە سانائىتى تۈرىنى كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان توك لىنىيىسى قۇردى.
2006 – يىلى بېيجىڭ ‹‹يەنجىڭ›› پىۋا گۇرۇھى شىخەنزە ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا زاۋۇت قۇرۇشنى قارار قىلغاندا، ئېلىنغان 286 مو يەرنىڭ رەسمىيىتى يەتتە كۈندە بېجىرىلىپ بولدى. 240 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يىلىغا 100 مىڭ توننا پىۋا ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە لايىھىلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش بىر يىلدا ئورۇندىلىپ بولدى. بۇلتۇر بۇ كارخانا 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تەرەققىيات رايونىدا 130 مىڭ توننىلىق بۇغداي ئۈندۈرمىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى قۇردى، بۇ بېيجىڭ ‹‹يەنجىڭ››پىۋا گۇرۇھىنىڭ خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش بازىسىغا ئايلاندى.
2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سانائەت رايونلىرىغا 7808كارخانا ماكانلىشىپ، بۇ كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 300 مىڭ كىشىدىن ئاشتى. قارامايدا سانائەت رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جەلپ قىلىپ كىرگۈزگەن تۈر 25كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 2007 – يىلى ئون تۈر جەلپ قىلىنغان بولۇپ، ‹‹جىنتا››، ‹‹كاڭجيا››، ‹‹ئەنتەي›› كارخانىلىرى مەبلەغ سالغان تېرمو ئېلېكتر تۈرىدە قۇرۇلۇش جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. 2007 – يىلى قاراماي شەھىرىدىكى سانائەت رايونى ياراتقان سانائەت قوشۇلما قىممىتى 390 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2006 – يىلىدىكىدىن 2.6ھەسسە ئاشتى.
قاراماي نېفىت خىمىيە سانائىتى رايونى، مىچۈەن – كۆكتاغ يېڭى رايونىنىڭ سانائەت رايونى، كۇچا خىمىيە سانائىتى رايونى، بۈگۈر خىمىيە سانائىتى رايونى ۋەكىللىكىدىكى ئېغىر خىمىيە سانائىتى رايونى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. كۇچا خىمىيە سانائىتى رايونى كېچىكىپ تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، نېفىت، كۆمۈرنى ماتېرىيال قىلغان خىمىيىۋى ئوغۇت، قويۇق ماي پىششىقلاش، پولىفورمالدېگىد، دىمېتىل ئېفىر، ئاسفالت ۋە ئوت ئېلېكتر، كوكسلاشتۇرۇش تۈرى ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، ھەممە تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى. خىمىيە سانائىتى رايونىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۇچانىڭ سانائەت ئىگىلىكى تېخىمۇ ئىلمىي، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش يولىغا ماڭدى.
شىخەنزە ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، فۇكاڭ ئېغىر خىمىيە سانائىتى رايونى، كۆكتوقاي كانچىلىق سانائەت رايونى ۋەكىللىكىدىكى يەرلىك ئۆزگىچە بايلىق سانائەت رايونى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. فۇكاڭدا ئېغىر خىمىيە سانائىتى رايونىنى زىيارەت قىلغاندا، بۇ رايوننىڭ قايناق ھېسسىياتقا تولغان مۇنبەت زېمىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ‹‹شېنخۇا››نىڭ 10 مىليون توننىلىق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى، ‹‹لۇنېڭ›› X2 150مىڭ كىلوۋاتلىق ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى، ‹‹شىنۋېن››گۇرۇھىنىڭ 10 مىليون توننىلىق كۆمۈر كېنى، ‹‹گۇاڭخۇي››گۇرۇھىنىڭ 800 مىڭ توننىلىق دىمېتىل ئېفىر قاتارلىق زور كۆمۈر ئېلېكتر، كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى تۈرى ئىلگىرىكى باياۋاننى باي گۆھەر زېمىنغا ئايلاندۇرماقتا ئىدى. سۇچىلىق، تاشيول، تۆمۈريول، ئېلېكتر كۈچى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى كۈندىن – كۈنگە يېڭىلىنىپ، ئۆزگىرىپ، كەڭ كۆلەملىك ئېچىش، قۇرۇلۇش قىلىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق كۆرۈلمەكتە.
بۇنىڭدىن سىرت، قۇمۇل – گۇاڭدۇڭ سانائەت رايونى، جياڭسۇ سانائەت رايونى، چىلۇ سانائەت رايونى ۋەكىللىكىدىكى شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشتىكى سانائەت رايونلىرى؛ جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ۋەكىللىكىدىكى ئېكسپورت قىلىش – پىششىقلاش سانائەت رايونى ترانسىپورت چوڭ قانىلى ۋە قاتناش تۈگۈنىنى تايانچ قىلدى، تۈرلۈك پورت قۇرۇلۇشى ئەشيا ئوبوروتى رايونى ئۆزگىچىلىكى بىلەن رايون ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك سانائەت رايونىنىڭ بۇلتۇر ياراتقان سانائەت قوشۇلما قىممىتى 1 مىليارد 790 مىليون يۈەن بولۇپ، 2006 – يىلىدىكىدىن %51.7ئاشتى.
ئون نەچچە يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، دېڭىزدىن ئەڭ يىراق شىنجاڭدا سانائەت رايونى ئىگىلىكى سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، كەسىپلەر توپى ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يىلسېرى ئاشتى. 2007 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت رايونلىرى ياراتقان سانائەت قوشۇلما قىممىتى 26 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2006 – يىلىدىكىدىن %47 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 32 پوئىنت يۇقىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايون سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ %13ىنى ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.
|