|
ۋاڭ لېچۈەن دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى
18 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قەھرىمان – نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ 3 – شۆبە ئەترىتى شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھەم جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان بىر مەيدان دوكلات بەردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئارمىيە، خەلق ئالتە قەھرىمان – نەمۇنىچىنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلىشتى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىقلار دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم يىغىندىن بۇرۇن ئۆمەكنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى. ۋاڭ لېچۈەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن قەھرىمان – نەمۇنىچىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا نامايان قىلغان خالىس بېغىشلاش روھىغا ئاپىرىن ئوقۇدى، دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى يەتكۈزگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مىسلىسىز زور كۆلەملىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە تىللاردا داستان بولغىدەك قەھرىمان – نەمۇنىچى شەخسلەر ۋە كوللىكتىپلار كۆپلەپ ۋۇجۇدقا كەلدى، دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكى قەھرىمان – نەمۇنىچىلار ئەنە شۇ مۇنەۋۋەر كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنىڭ ۋەكىلى. دوكلات بېرىش ئۆمىكى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدىكى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش – پائالىيەتلەر ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتۇزۇشتىكى ئالىيجاناب روھنى تەشۋىق قىلدى، بۇ ئىنتايىن زۆرۈر ھەم مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە جانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى. دوكلات بېرىش يىغىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەزللىكىنى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ‹‹بىرەيلەن قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەممەيلەن تەڭ ياردەم بېرىش›› تەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. بىز بۇ روھىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر قولدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىشنى، بىر قولدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىشنى تۇتۇش قىزغىنلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى يەنىمۇ قوزغاپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئاپەت رايونىدىكى خەلقنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئاپەت رايونىدا يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇشقا دىققەت قىلىۋاتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكى ۋە مەملىكەت خەلقىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن تېزدىن ئۆتۈپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، تيەن شيۇسى، خەن يۇڭ، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت قاتارلىقلار دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
دوكلات ئاڭلاشتىن بۇرۇن بارلىق خادىملار ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.
ئالتە قەھرىمان – نەمۇنىچىنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىدىن بېرىلگەن دوكلات يىغىن مەيدانىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى ۋە چوڭقۇر ئىدىيىۋى تەربىيىگە ئىگە قىلدى.
|