|
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ئۇيۇشتۇرغان پەن – تېخنىكا، مىللەت ، دىن ئىشلىرىغا ئائىت بىلىملەرنى ئائىلىلەرگە ئومۇملاشتۇرۇش زېھىن سىناش مۇسابىقىسى 6 – ئىيون ئۆتكۈزۈلدى.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 26 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پەن – تېخنىكا ھەپتىلىكى پائالىيىتىگە يېڭى مەزمۇن قوشۇش ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا پارتىيىنىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت، دىن ئىشلىرىغا ئائىت سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مۇسابىقىگە كوچا ئىش باشقارمىلىرىدىن تاللانغان ئالتە ئائىلىلىك ماھىر قاتناشتى. مۇسابىقە ئىختىيارىي جاۋاب بېرىش، تالىشىپ جاۋاب بېرىش ۋە مەجبۇرىي جاۋاب بېرىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى.
|