باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئولىمپىك مەشئىلى ئۈرۈمچىدە چەكسىز شادلىق ئىچىدە يەتكۈزۈلدى
2008- 06- 18 10:57 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ئولىمپىك مەشئىلى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە چەكسىز شادلىق ئىچىدە يەتكۈزۈلدى. مەشئەل يەتكۈزۈلگەنلىكى يەردە، مەركىزىي شەھەردىكى ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈتىۋالدى.

      مەركىزىي شەھەردىكى ھەر مىللەت ئامما ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئۈرۈمچىدە يەتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەتىگەندىلا يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا رەتلىك تۇرۇپ،  مەشئەلنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى. ئولىمپىك مەشئىلى ئۈرۈمچى قىزىلتاغدىكى پارىكسون سودا سارىيى ئالدىدىغا يېتىپ كەلگەندە، داقا– دۇمباق ئاۋازىغا جور بولۇپ، قىز– يىگىتلەر قىزغىن مەشرەپكە چۈشۈپ، 2008– يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بولغان بۈيۈك تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى.ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا  مىڭدىن كۆپرەك ئاق كەپتەر كۆك ئاسمانغا قويۇپ بېرىلدى. ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بۇ يەردىكى نەغمە ناۋانى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى مەشئەلنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى كۆرىۋاتقان ئامما تېخىمۇ ھاياجانلاندى. ئۇلار قولىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ۋە  ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەش ھالقىسى چۈشۈرۈلگەن بايراقنى لەپىلدىتىپ، يۇقىرى ئاۋازدا:‹‹ جۇڭگو غەيرەت قىل، ئولىمپىك  غەيرەت قىل›› دەپ  توۋلاپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بولغان تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى. شەھەر ئاھالىسى چىن شياۋبىڭ ھاياجانلانغان ھالدا:‹‹ مېنىڭچە ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى پۈتكۈل جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر چوڭ ئىش. بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ خوشال بۇلىۋاتىمىز. شەھىرىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈشنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ھەممە جاينى بېزەپ كۆزنى قاماشتۇرغىدەك چىرايلىق قىلىۋەتتى. بۇ شەھىرىمىزدىكىلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. مەن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئويۇشتۇرۇلۇشىغا تىلەكداشمەن. ئېلىمىزدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ  كۆپلەپ ئالتۇن مېدال ئېلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.››دىدى.

 

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ