باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلار قانۇنسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ‹‹قۇربانى›› بولمىسۇن
2008- 06- 18 10:54 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ ‹‹كېشىن›› ئىنستىتۇتىنىڭ پەرۋىش كەسپىگە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن 157 ئوقۇغۇچى مەكتەپكە كىرىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ مەكتەپ بەلگىلىمىگە خىلاپ قوبۇل قىلغان ‹‹قارا نوپۇس›› ئىكەنلىكىنى، ئىككى يىل ئوقۇپمۇ دىپلوم ئالالمايدىغانلىقىنى بىلگەن. ھېلىمۇ ياخشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ‹‹كېشىن››ئىنستىتۇتىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق جازالىغان.

   يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە، بىر قىسىم پۇقراۋى مەكتەپلەر قارىغۇلارچە، يامان خاراكتېرلىك كېڭىيىش يولىدا ماڭدى. ئۇلار ھەممىلا يەردە ۋائىزلىق قىلىپ، ساختا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ‹‹سەپتىن چۈشۈپ قالغان›› ئوقۇغۇچىلارنى ئالداپ، ‹‹ئالىي تېخنىكوم››، ‹‹تولۇق كۇرس›› ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتى ۋە ئوقۇتۇش شارائىتى بولمىغاچقا، بەرگەن ۋەدىسى ‹‹قۇرۇق ۋەدە››گە ئايلىنىپ، بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ ‹‹قۇربان››ى بولۇپ كەتكەن.

   مائارىپ مىنىستىرلىكى، سەھىيە مىنىستىرلىكى، جۇڭگو تېبابىتى دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى 2002 – يىلى 3 – ئايدا بىرلىكتە تارقاتقان ‹‹داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈرىدىكى ئالىي كەسپىي، ئالىي تېخنىكوم مائارىپى توغرىسىدىكى بىر نەچچە پىكىر››دە، 2002 – يىل 31 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا ئالاقىدار تېبابەت، دورىگەرلىك كەسپى ئوقۇش تارىخى مائارىپىدا سەھىيە تۈرى بويىچە كەسىپكارلىق سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان خادىملارنى قوبۇل قىلىش، كەسىپ ئوقۇمىغان خادىملارنى قوبۇل قىلىشنى توختىتىش كېرەك ،دەپ بەلگىلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش – ئىمتىھان ئېلىش مەركىزى بۇ يىل 5 – ئايدا پەرۋىش كەسپى بويىچە مەخسۇس كۇرس ياكى تولۇق كۇرس گۇۋاھنامىسى ئالماقچى بولۇپ ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار جەزمەن سېسترالىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلىدى. 

   ئوقۇتۇش ئاپپاراتى بولغان بۇ ئاپپاراتلار باشلامچىلىق بىلەن ساختىلىق قىلسا، ئوقۇغۇچىلارغا قانداقمۇ بىلىم بېرىپ، كەسىپ ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يېشەلەيدۇ ۋە ئۇلارنى سەمىمىي ئادەم بولۇشقا يېتەكلىيەلەيدۇ؟  مائارىپ دۆلەتنىڭ ئاساسى. مائارىپ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالسا، بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. پۇقراۋى مەكتەپلەر ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، سوتسىيالىستىك جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەركىبىي قىسمى، مەكتەپ جەزمەن مەكتەپ قۇرۇش ئىدىيىسىنى توغرىلىشى، ساختا تەشۋىقات قىلىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىلمىشىغا قەتئىي خاتىمە بېرىشى كېرەك.

   پۇقراۋى مەكتەپلەر بەلگىلىمىگە خىلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلسا، ئالدىنىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارتقان جاپاسى، ئىسراپ بولغان ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ، لېكىن ئۆتۈپ كەتكەن ياشلىق دەۋرىنى قانداقمۇ تولۇقلىۋالغىلى بولسۇن؟ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسىغا تەسىر يېتىپ، ئۇلاردا مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىگە قارىتا گۇمان پەيدا بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ جاراھەتلەنگەن قەلبىنى يەنە ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان پۇقراۋى مەكتەپلەرگە قارىتا مەمۇرىي تارماقلار جەزمەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق جازالىشى كېرەك؛ ئالدىنىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مائارىپ مىنىستىرلىكى ئۇلار ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ياقلىغاندىن سىرت، ئۇلارغا كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ