|
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2008 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى 13 – ئىيۇن رەسمىي باشلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن تاللانغان 900دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئىمتىھان قەغىزىنى جىددىي تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ مىنىستىرلىكى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان‹‹دۆلەت مائارىپ ئىمتىھان قەغىزىنى توردا تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش ۋاقىتلىق چارىسى››، ‹‹دۆلەت مائارىپ ئىمتىھان قەغىزىنى توردا تەكشۈرۈش تېخنىكىسىنى ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسى›› قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى توردا تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھىسىنى بېكىتكەن. بۇ يىل 167 مىڭ 928 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن بولۇپ، جاۋاب يېزىش كارتوچكىسى 700 مىڭ پارچىدىن ئاشىدىكەن.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان قەغىزىنى توردا تەكشۈرۈش خىزمىتى 22 – ئىيۇن ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدىكەن؛ 25 – ئىيۇن ئەتراپىدا ئىمتىھان نەتىجىسى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدىكەن؛ ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلار تور ۋە تېلېفون ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن؛ 28 – ئىيۇن ئەتراپىدا بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى چىقىرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىدىكەن؛7 – ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلىنىدىكەن.
|