|
2010 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسى 20 كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىسى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى
14 – ئىيۇن تىيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن 2010 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسى 20 كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 5 – ئايلانما مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 2:1 نەتىجە بىلەن ئىراق كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ، مۇددەتتىن بۇرۇن شاللىنىپ كەتتى ھەمدە 2010 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم بولدى .
14 – ئىيۇن 2010 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسى 20 كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 5 – ئايلانما مۇسابىقىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، ئۆزبېكىستان ، بەھرەيىن ، ئاسترالىيە ، ياپونىيە ، كورىيە ، چاۋشىيەن ، سەئۇدى ئەرەبىستان ، ئىران كوماندىلىرىدىن ئىبارەت سەككىز كوماندا 10 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى .
|