|
شىنخۇا تورى 16–ئىيۇن تېلېگىراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىكى ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ شۈمىڭ 16–ئىيۇن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ‹‹ئاۋۋال قاچقان مۇئەللىم››فەن جوڭمېينى ئىشتىن بوشىتىش قارارىنى ئۇ ئىشلەۋاتقان مەكتەپ ئۆزى چىقىرىدىغانلىقىنى، مائارىپ مىىستىرلىكىنىڭ بۇ ھەقتە بۇيرۇق چۈشۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فەن جوڭمېي 1997– يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ ، دۇجياڭيەن گۇاڭيا مەكتىپىدە تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئىدى. ئۇ بلوگدا ئۆزىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە سىنىپتىن ئەڭ ئاۋۋال قېچىپ چىققانلىقىنى ئاشكارىلاپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان ۋە ‹‹ئاۋۋال قاچقان مۇئەللىم››دەپ ئاتالغان ئىدى.
16–ئىيۇن، ئاخبارات ۋاستىلىرى گۇاڭيا مەكتىپىنىڭ جياڭيەن مائارىپ ئىدارىسى يەتكۈزگەن مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، فەن جوڭمېينىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئىشتىن بوشىتىلغانلىقنى خەۋەر قىلدى.
ۋاڭ شۈمىڭ يەنە مۇنداق دېدى:‹‹مائارىپ مىنىستىرلىكى فەن جوڭمېينىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىلىق ھىچقانداق ئۇقتۇرۇش چۈشۈرمىدى. لېكىن ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇ تۇرۇشلۇق مەكتەپ ئۇنىڭ ئىشتىن بوشىتىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى››. فەن جوڭمېي ئىشلەۋاتقان دۇجياڭيەن گۇاڭيا مەكتىپى پۇقراۋى مەكتەپ بولۇپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى››دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىپ فەن جوڭمېينى ئىشتىن بوشىتىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەن.
|