|
مۇشۇ ئاينىڭ 11– كۈنى، بىر قېتىم يامغۇر ياغقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە يۇقىرى تېمپېراتورىلىق ھاۋا رايى يەنە باش كۆتۈردى، بەخىتكە يارىشا، بۈگۈن (17–ئىيۇن)ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزۈلىدىغان تۇنجى كۈنىدە، ئازراق يامغۇر ياغىدىغان بولغاچقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاھالىلەر سالقىن ھاۋادا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى كۈتۈۋالىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋا رايى ئىستانسىسىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ھاۋا رايى مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە،16،17–ئىيۇن كۈنلىرى، ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى، 4 ، 5 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋاسىنى سالقىندىتىدىكەن.
|