باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ستۇدېنتلار دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنى بىردىنبىر تاللىنىش قىلىۋالماسلىقى كېرەك
2008- 06- 16 18:19 تەڭرىتاغ تورى

    ئەخمەت مۇھەممەت 

    ‹‹ دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشتىڭىزمۇ؟›› بۇ نۆۋەتتە ستۇدېنتلار ئارىسىدىكى مودا سۆزلەر بولۇپ قالدى. نۇرغۇن ستۇدېنتلار ئالدىدا پەقەت دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن باشقا يول يوقمۇ؟ ئەمەلىيەتتە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن ئىش ئورۇنلىرى ستۇدېنتلارغا  ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ ، بۇ يول ھەممە تەرەپكە تۇتىشىدۇ. شۇڭا ستۇدېنتلار يىراقنى كۆرۈپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت ئورنىنى تاللىشى كېرەك.
      بۇ يىلقى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ستۇدېنتلارنى ئۇچراشتۇرۇش يىغىنىدا، جەمئىي 60 تىن ئارتۇق ئورۇن بۇ يىغىنغا كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە %80 ى كارخانا ئورۇن بولۇپ، بۇ ستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىپ ، دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ قوزغىغان، بۇ ستۇدېنتلارنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنى بىردىنبىر تاللاش قىلىۋېلىش سەۋەبلىرنىڭ بىرى.         

      دۆلەت مەمۇرىسى بولۇش، سىتۇدېنتلارنىڭ بىردىنبىر تاللىشى ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر ستۇدېنتنىڭ ئۆز كەسىپىدە ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. ئەگەر ھەممىسى ئومۇميۈزلۈك مەمۇرلۇققىلا ئىنتىلسە، ئۇنداقتا، ئۆزى جاپاغا چىداپ ئىگىلىگەن كەسىپىي بىلىملىرىنىڭ قىممىتى بولماي قالىدۇ. شۇڭا ھەممە ئادەمگە دۆلەت مەمۇرى بولۇش ماس كېلىۋەرمەيدۇ، ئۆزىنىڭ كەسپى ۋە غايسى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى يارىتىش تېخىمۇ زۆرۈر.
ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ستۇدېنتلارنىڭ ھاياتى كۈچى ئورغۇپ تۇرىدۇ، نېمە قىلىشنى ئويلىسا، شۇنى قىلالايدۇ،ئۇلار ئىشەنچكە تولغان زىيالىيىلار قوشۇنى، بۇ ئارتۇقچىلىقلار ئۆزى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئامىللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياخشى ئوقۇغان ستۇدېنتلارنىڭ دۆلەت مەمۇرلار قوشۇنىغا ئىنتىلىش ئارزۇسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار ئۆز كەسىپىنى تاللاش بىلەن «ئەمەلدارلىق ئورنى»نى تاللاش ئوتتۇرىسىدا ياخشى ئويلىنىشى كېرەك.
     ئادەم ئۆمرىدە نۇرغۇن تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. ستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىشقا  ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئاساسىي ئېقىم بولۇپ قالدى. دۇنياغا داڭلىق تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىچىسى دارۋېن: ماسلىشالايدىغانلىرى ھايات قالىدۇ! –دېگەنىدى. بىزدە يەنە: ئەگەر سەن بۇ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتەلمىسەڭ، ئۆزەڭنى جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇشۇڭ كېرەك،- دېگەن گەپ بار. شۇڭا ستۇدېنتلار جەمئىيەتكە سىڭىپ ، نىشاننى ياخشى تاللاپ ، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تاللىشىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. «ھەر ھۈنەرنىڭ باردۇر ئاقىدىغان يېرى، ھەر ھۈنەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇستىسى–پىرى» دېگەندەك ستۇدېنتلار ئاقىلانىلىك بىلەن كەسىپ تاللاپ ، پەقەت دۆلەت مەمۇرى بولۇشتىن ئىبارەت بىرلا يولنى تاللىماسلىقى كېرەك.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ