|
ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاند،ا 2008–يىللىق ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات سوممىسى ناھايىتى يۇقىرى بۇلۇپ ، 2006–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇمۇمىي تارقىتىلغان مۇكاپات 229 مىلىيون500 مىڭ ئامرېكا دوللىرى بولغان بولسا ، بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 280 مىلىيون500 مىڭ ئامرېكا دوللىرى مۇكاپات تارقىتىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان 16 كوماندىنىڭ ھەربىرى ئەڭ ئاز بولغاندا 7 مىليون500 مىڭ ياۋرۇغا ؛ تەڭلەشكەن كوماندا 500 مىڭ ياۋرۇغا ؛ سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن كوماندا 2مىليون ياۋروغا ؛ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندا 3 مىليون ياۋروغا ؛ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن كوماندا 4 مىليون 500 مىڭ ياۋرۇغا؛ چېمپىيون بولغان كوماندا 7مىليون 500 مىڭ ياۋروغا ئېرىشىدىكەن . شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، چېمپىيون بولغان كوماندا، مۇسابىقە جەريانىدا ئۇتۇپلا ماڭسا ،23 مىليون ياۋرۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىكەن.بۇ مۇكاپات مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلارنىڭ دۆلىتىنىڭ پۇتبولچىلار جەمئىيتى بېرىدىغان مۇكاپاتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.ئىسپانىيە پۇتبولچىلار جەمئيتى ئىسپانىيە كوماندىسى چېمپىيون بولسا ،ھەر بىر ماھىرغا 214 مىڭ ياۋرودىن مۇكاپات بېرىلدىغانلىقىنى ؛گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئيتى گېرمانىيە كوماندىسى چېمپىيون بولسا ،ھەربىر ماھىرغا 250مىڭ ياۋرۇ مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ،1 مىليارد400 مىليون ياۋرو كىرىم قىلىنىدىكەن.
|