باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
چىقىش يولىمىز مائارىپتا
2008- 06- 16 11:20 شىنجاڭ گېزىتى

    ئىلگىرى كەلپىن ناھىيىسىنىڭ ئىككى جەھەتتە نامى بار ئىدى. بىرى، نامراتلىق، يەنە بىرى، مائارىپى ئىدى. 90 – يىللارنىڭ بېشىدا  كەلپىندىن نۇرغۇنلىغان ئىختىساس ئىگىلىرى يېتىشىپ چىققان. 2005 – يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى كەلپىندە خىزمەت تەكشۈرگەندە، ‹‹بۇ نامرات يۇرتتىن نۇرغۇن زىيالىيلار يېتىشىپ چىققان، كەلپىن زىيالىيلىرى ھازىر  شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا  ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتمەكتە›› دېگەنىدى. يېقىندا كەلپىن ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئىمىنجان زارى مۇخبىرغا :‹‹كەلپىننىڭ مائارىپى  چېكىنىپ كەتتى، بىز بۇنىڭدىن كېيىن  مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپقا  كۆپلەپ مەبلەغ سالىمىز، چۈنكى بىزنىڭ چىقىش يولىمىز مائارىپتا›› دېدى.

كەلپىن مائارىپىنىڭ يېڭى باھارى

    كەلپىن ناھىيىسى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا  مائارىپ سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتتى. بۇلتۇر كۈزدە ناھىيە مالىيىسىدىن 400 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن 134 ئوقۇغۇچىنى مۇكاپاتلىدى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا 75 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلىدى، 3مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ  شارائىتىنى ياخشىلىدى. كەلپىن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نارمەتجان يۈسۈپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان 239 ئوقۇغۇچىنىڭ 134 ى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز ئالدىنقى يىلدىن بۇيان  ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن تۇتتۇق. ناھىيە بويىچە توققۇز مەكتەپتە 18 ‹‹قوش تىل››لىق سىنىپ ئاچتۇق. ھازىر ناھىيىمىزنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش، ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋىلايەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇۋاتىدۇ.

بەختلىك بالىلار

    ھازىر كەلپىن يېزىلىرىدا ‹‹قوش تىل››لىق سىنىپلار ئېچىلىپ، ‹‹قوش تىل››لىق بالىلار يەسلىسى قۇرۇلۇپتۇ. بىز نارمەتجان يۈسۈپنىڭ يول باشلىشى بىلەن يۇرچى ۋە گەزلىك يېزىلىرىدا ئېچىلغان ‹‹قوش تىل››لىق باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار يەسلىسىنى زىيارەت قىلدۇق.

    ھازىر بەش ياشلىق بالىدىن 50 ى، ئالتە ياشلىق بالىدىن 40 ى بار. ئۇلارغا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئۆگىتىۋاتىمىز، –  دېدى يۇرچى يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بىزنى ئوقۇشتىن بۇرۇنقى ‹‹قوش تىل›› سىنىپىغا باشلاپ كىرىپ.

    ناھىيە رەھبەرلىرى  ھەر قانچە نامرات بولساقمۇ مائارىپنى نامراتلاشتۇرمايمىز، دېگەن ئىدىيىگە كەلدى. بىز تەدبىر قوللىنىپ كەلپىن مائارىپىنىڭ نامىنى يېڭىباشتىن چىقىرىشقا تىرىشىمىز، –  دېدى نارمەتجان.

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ