باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش دەرسخانىسى ئاتا–ئانىلارنى خاتىرجەم قىلدى
2008- 06- 13 17:51 شىنجاڭ گېزىتى

      قاراماي شەھەرلىك 2 –  باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى زۇلخۇمار يېقىندا پارلاق مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش دەرسخانىسىدا دەرس تەكرار قىلىدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەش جەريانىدا مۈجمەل مەسىلىلەرگە يولۇقسام، سورايدىغان ئادەم يوق بولغاچقا قىينىلاتتىم. ئاپامنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، ئۆگىنىشىمگە ياردەم قىلالمايدۇ. مانا ھازىر  مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش دەرسخانىدىكى ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىشىمگە ياردەم قىلىپ، چۈشىنەلمىگەن نۇقتىلىرىمنى چۈشەندۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ.

     پارلاق مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتىدا مەزكۇر دەرسخانا تەسىس قىلىنغان بىر يىلدىن بۇيان، كۈندىن – كۈنگە مۇكەممەللىشىپ، ھازىر مەھەللىدىكى ئىككى پىدائىي  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھەپتىدە ئىككى قېتىم كومپيۇتېردىن ساۋات بېرىدىغان، مەۋسۇمدا بىر قېتىم ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرى ۋە قانۇندىن ساۋات بېرىدىغان، كۇتۇپخانىسى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن ھەقىقىي مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش دەرسخانىسىغا ئايلاندى.

     مەھەللىنى ئاساس، مەكتەپنى تايانچ قىلغان مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش دەرسخانىسى مەھەللە مائارىپىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان تەربىيىنى كۈچەيتتى. نۆۋەتتە، قاراماي رايونىدىكى 19 مەھەللىدە  مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش دەرسخانىسى تەسىس قىلىندى.       
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ