|
بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە بوش يەرنى تېپىپ لاپاس ياساپ ۋە باشقىلارنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ، ‹‹ئەسكى – تۈسكى يىغىش››قا خاتىمە بېرىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدە 28 – مايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش پونكىتى ۋە نۇقتىلىرى مەخسۇس تەكشۈرۈلىدۇ، ئۆلچەمگە توشمىغانلار بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 27 – ماي ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر بىر مەھەللىدە پرىنسىپ جەھەتتىن بىرلا كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش پونكىتى تەسىس قىلىنىدىكەن. مەھەللىلەردە كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش ئورنىنى تەسىس قىلىش ۋە ياساشتا ئاھالە تۇرالغۇسىنى ئىجارىگە ئېلىشقا يول قويۇلمايدىكەن، شۇنىڭدەك كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش پونكىتىنى بېزەش مەھەللە مۇھىتىغا ماسلاشتۇرۇلىدىكەن، يېشىل ھەم مۇھىت ئاسرايدىغان، يېنىك تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىدىغان، مەھكەم ئېتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغان بولۇشى كېرەككەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر مىڭغا يېقىن كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش پونكىتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئارىسىدىكى %90كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش پونكىتى ئاھالە تۇرالغۇسىنى ئىجارىگە ئېلىپ كېرەكسىز بۇيۇم يىغىش بىلەن شوغۇللىنىدىكەن. كۆپ ساندىكى كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش پونكىتى كېرەكسىز بۇيۇملارنى سىرتقا دۆۋىلەپ قويغاچقا، بۇ يەرلەر پاسكىنا، قالايمىقان بولۇپ، سېسىق پۇراق چىقىپ، مۇھىتنى بۇلغىغان ھەم ئوت ئاپىتى خەۋپى پەيدا قىلىپ، شەھەر قىياپىتى ۋە ئەتراپتىكى ئاھالىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
بۇ ئەھۋالغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇنداق قارار چىقاردى: بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئاھالە تۇرالغۇسىنى ئىجارىگە ئېلىپ كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش پونكىتى قۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. ھەر قايسى رايونغا قاراشلىق كوچا باشقارمىسى ۋە مەھەللە كومىتېتىنىڭ تۇرالغۇنى كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش تىجارىتى قىلىدىغان ئورۇن قىلىشقا قوشۇلۇش ئىسپاتى چىقىرىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ھەر قايسى رايون، ناھىيە ھازىر ئۆزىگە قاراشلىق جايلاردا ئاھالە تۇرالغۇسىنى ئىجارىگە ئېلىپ كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش تىجارىتى قىلىۋاتقانلارنى تەرتىپكە سېلىشى، ئۇلارغا باشقا يەر تاللاتقۇزۇپ، قانۇن بويىچە تىجارەت قىلغۇزۇشى كېرەك. تۇرالغۇسىنى كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش تىجارىتى قىلىدىغان ئۆيگە ئۆزگەرتمەكچى بولغانلارنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تىزىمغا ئالمايدۇ. تىزىمغا ئېلىش رەسمىيىتى ئۆتىگەنلەرنى تىزىمدىن ئۆچۈرىدۇ ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ ياكى ئالاقىدار تەرەپلەرنى قانۇن بويىچە تىجارەت ئورنىنى ئۆزگەرتىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتى ئۆتەشكە بۇيرۇيدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئولتۇراق رايوننىڭ پىلان لاھىيىسىدە مەھەللىنىڭ كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش پونكىتى ئۈچۈن ئورۇن قالدۇرۇشى كېرەك، ئەگەر سېلىنىپ بولغان ئولتۇراق رايون بولسا ئۆي ئىگىلىرى يىغىنى ياكى ئۆي ئىگىلىرى ھاۋالە قىلغان خوجىلىق باشقۇرۇش كارخانىسى مەھەللە كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش پونكىتىنى كېرەكلىك يەر بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئەگەر كېرەكلىك يەر بىلەن تەمىنلىيەلمىسە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھاسىلىي ئېنېرگىيە يىغىش سىستېما قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۆي ئىگىلىرى بىلەن كېڭىشىپ، كۆچمە كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش پونكىتى تەسىس قىلىشى كېرەك. تەسىس قىلىنغان مەھەللە كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش پونكىتى نۇقتىلىرى ئەتراپىنىڭ مۇھىتى جەزمەن پاكىزە بولۇشى، يىغىلغان كېرەكسىز بۇيۇملارنى ۋاقتىدا توشۇشى كېرەك. كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىش، توشۇش، ساقلاشتا جەزمەن ھىملاشنى ياخشى ئىشلەپ، مۇھىتنى بۇلغىماسلىق كېرەك.
|