باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان 56 ئوقۇغۇچىنى ئېنىقلىدى
2008- 06- 13 17:25 شىنجاڭ گېزىتى

     مۇخبىرنىڭ 11 – ئىيۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان 56 ئوقۇغۇچىنى ئېنىقلىغان، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش نىسبىتى% 0.33 بولۇپ،  بۇ يىل ئىمتىھان بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ئاز بىر يىل بولغان.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن، ئىمتىھان ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەككە پەنلەردىكى ئىمتىھان نەتىجىسى بىكار قىلىنىدىكەن، ئىمتىھان قەغىزى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى پەنلەردىكى ئومۇمىي نەتىجىسى بىكار قىلىنىدىكەن.

     بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ھەرقايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا ‹‹باش نازارەتچى››، ‹‹مېتال تەكشۈرۈش ئەسۋابى››، ‹‹كۆچۈرمىچىلىكنى تۈگىتىش›› قاتارلىق ئىلغار، يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆچۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلىگەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئۇچۇر تارماقلىرى ۋە سىمسىز تېلېگراف باشقۇرۇش كومىتېتلىرى مەخسۇس خادىملارنى ئاجرىتىپ، 24 سائەت نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، گۇمانلىق سىگناللارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىپ، توردىكى قالايمىقان ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا پېچەتلىگەن.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ