باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملاش باشلاندى
2008- 06- 13 12:33 تەڭرىتاغ تورى

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئەدلىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2008 - يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى بۇ يىل 20 -، 21 - سېنتەبر بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئىمتىھانغا 11 - ئىيۇندىن 25 - ئىيۇنغىچە توردا تىزىملىتىلىدىكەن، 5 - ئىيۇلدىن 20 - ئىيۇلغىچە نەق مەيدانغا بېرىپ، تىزىملاتقانلىقى مۇقىملاشتۇرىلىدىكەن. 

     ئاپتونوم رايونىمىزدا تىزىملاش نۇقتىسىدىن 16 سى تەسىسى قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى قاتارلىق 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارسىدە ۋە كۈيتوڭ شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدە ئىكەن. بۇ يىلقى ئىمتىھان سىياسىتى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن سەل ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە: ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى 2009 - يىلى پۈتتۈرىدىغان تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتقانلار بۇ ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدىكەن. ئىمتىھانغا قاتناشقۇچى ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ئوقۇۋاتقان مەكتىپى چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتنى ئېلىپ، مەكتەپ بار جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا بېرىپ تىزىملاتسا بولىدىكەن، ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر 2009 - يىل 31 - ئىيۇلغىچە لاياقەتلىك بولغانلىق نەتىجە قەغىزى بىلەن دىپلومنى ئېلىپ ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا بېرىپ، «قانۇن كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسى» نى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك ئىكەن.    

( مۇھەررىر : ئايگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ