|
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى 12 – ئىيۇن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 5– نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋرۇپا پارلامېنتى ھەمراھلار يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 18– كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك يىغىن ۋاقتى 3 كۈن بولۇپ، يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى : ئاسىيا–ياۋرۇپا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ئاسىيا – ياۋرۇپا ئەللىرىدىن كەلگەن پارلامېنت رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ۋەكىللىرى يىغىندا، ئىقتىساد- سودا ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەر بويىچە مۇزاكىرىلىشىدۇ. يىغىندا ماقۇللىنىدىغان ‹‹5– نۆۋەتلىك ئاسىيا–ياۋرۇپا پارلامېنتى ھەمراھلار يىغىنى خىتاپنامىسى›› بۇ يىل 10– ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 7-– نۆۋەتلىك ئاسىيا –ياۋرۇپا باشلىقلار يىغىنىغا سۇنۇلىدۇ.
|