|
·9– ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆلەت باج سىستىمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ھەر قانداق بىر بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشى كومپىيۇتېر ئارخىپىغا سېلىنىدۇ.
·مۇشۇ ئاينىڭ 11 – كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى كۆزدىن كەچۈرۈش گورۇپپىسى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ شەھەر يوللىرىنى كېڭەيتىپ ياساش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ھەمدە نەق مەيداندا قىسمەن كېڭەيتىپ ياسالغان يوللارنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوكلات بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 393 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان تيەنجىن يولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملاندى، پات ئارىدا قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ.
· سودا مىنىستىرلىكى 12 – ئىيۇن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 5 – ئايدا، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 2 مىڭ 425 كە يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 10.94 پىرسەنت ئاز؛ ئەمەلىي پايدىلىنىلغان چەتئەل مەبلىغى سوممىسى 7 مىليارد 761 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 37.94 پىرسەنت كۆپ بولغان.
. مەركىزى بانكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 5 – ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 18.07 پىرسەنت ئاشقان.
·دۆلەت ئىچىدىكى پولات – تۆمۈر كەسپىدىن مەسلىھەت بېرىشتىكى داڭلىق ئاپپاراتى— ‹‹ پولات – تۆمۈر›› تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى بازار ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت ئىچىدە پولات باھاسى يەنە ئۆرلەشكە باشلىغان. ئۆتكەن ھەپتىدە پولات باھاسى ئومۇمىيۈزلۈك ئازراق ئۆرلىگەن، بۇ پولات باھاسىنىڭ ئۇدا ئىككىنچى ھەپتە ئۆرلىشى ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى پولات باھاسى ئۇدا سەككىز ھەپتە ئۆرلىگەن بولۇپ، باھا قىسقىغىنە بىر ھەپتىدە بىر مەھەل تۆۋەنلىگەندىن كىيىن، يەنە ئۆرلەش باسقۇچىغا كىرگەن.
.سودا مىنىستىرلىكى 12 – ئىيۇن ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1 – ئايدىن 5 – ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 11 مىڭ 915 كە يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 20.95 پىرسەنت ئاز بولغان.
.سودا مىنىستىرلىكى 12 – ئىيۇن ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 – ئايدىن 5 – ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي پايدىلىنىلغان چەتئەل مەبلىغى 42 مىليارد 778 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 54.97 پىرسەنت ئاشقان.
·دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 12 – ئىيۇن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 5 – ئايدا، دۆلىتىمىز ئاھالىلار ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيىسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 7.7 پىرسەنت ئۆرلىگەن. ئۆرلەش دەرىجىسى 4 – ئايدىكىدىن 0.8 پوئىنت تۆۋەن بولغان.
|