|
خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى بىر كۈن تۆۋەنلىگەندىن كىيىن، 12 – ئىيۇن قايتىدىن زور دەرىجىدە ئۆرلەش ئىزىغا چۈشتى. جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 12 – ئىيۇن خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى 6 يۈەن 9 مو 1 پۇڭدىن تۆۋەنلەپ، 6 يۈەن 9 مو 1.5 لىلىق باھا بىلەن يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ يەككە كۈندىكى ئۆرلەش دەرىجىسى 194 ئاساسىي نۇقتا بولغان. بۇ، بۇ يىلدىن بۇيان، خەلق پۇلى پىروۋوت نىسبىتىدە بارلىققا كەلگەن 43 - يېڭى يۇقىرى سەۋىيە. شۇ كۈنى بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا، بىر ئامېرىكا دوللىرى 6 يۈەن 9 مو 1.5 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 7 مو 2 پۇڭ 3 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 4 مو 4 پۇڭ 9 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 8 مو 8 پۇڭ 4 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 13 يۈەن 5 مو 3 پۇڭ 6 لىغا ئايرىۋاشلاندى.
|